باكۇدا تۇرۇشلۇق ئىران باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

ئىراننىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابباس مۇسەۋى ئەزەربەيجاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1938901
باكۇدا تۇرۇشلۇق ئىران باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىران باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىران باش ئەلچىسى مۇسەۋىغا، ھەر بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ۋىيېننا شەرتنامىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرى بويىچە، چەت دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك ئورگانلىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، تېھراندىكى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ شىددەت بىلەن ئەيىبلەنگەنىلىكى، ئەلچىخانىلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا، مىنىستىرلىقنىڭ، باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى مۇسەۋى ئارقىلىق ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى بالدۇرراق تېپىپ سوتقا تاپشۇرۇشنى، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈشنى، جىنايەتنى تەشكىللىگەن ۋە ئۆتكۈزۈلۈشىگە چېتىشلىق بارلىق كىشىلەرنى تېپىپ جازالاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىنغانلىقىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئىران باش ئەلچىسى مۇسەۋىغا، ئىراندا يېقىنقى كۈنلەردە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئەزەربەيجانغا قارشى پىلانلىق تەتۈر تەشۋىقاتلاردىن پەيدا بولغان بىئاراملىقلار ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىران باش ئەلچىسى مۇسەۋى بولسا، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، جېنىدىن ئايرىلغان ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈش ئاياقلاشقاندا كەڭ مەلۇمات بېرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

تېھران ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن راھىمىنىڭ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر