ئەزەربەيجان ئىرانغا دىپلوماتىك نوتا تاپشۇردى

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە نوپۇسى زىچ ياشايدىغان ۋە رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان رايونغا 14 ئىران پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىرانغا دىپلوماتىك نوتا تاپشۇردى.

1914321
ئەزەربەيجان ئىرانغا دىپلوماتىك نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايخان ھاجىزادە يازما باياناتىدا، چەتئەللىكلەرنىڭ ئەزەربەيجان زىيارەتلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بېكىتىلگەن قائىدىلەرگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى ئايخان ھاجىزادە ئەرمېنىيە نوپۇسى زىچ ياشايدىغان ۋە رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان رايونغا 14 ئىران پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىران پۇقرالىرىنىڭ زېمىنىمىزغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئايدىڭلاشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىراننىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا نوتا تاپشۇرۇلدى. قارشى تەرەپنىڭ جاۋابىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر