ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئالدىنقى سەپتە ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدا ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئوق چىقارغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1521461
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئالدىنقى سەپتە ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىقى تەرتەر، ئاغدام، خوجاۋەند، زەنگىلان ۋە گۇبادلى يۆنۈلۈشلىرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنۈلۈشلىرىدە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە « T-72» تىپلىق تانكىسى، ئۈچ دانە «D-30» تىپلىق زەمبىرىكى، بىر دانە «M-55» ئايروپىلان ئاتارى، بىر دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە ئۈچ دانە ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان، نۇرغۇن ئەسكەرلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپنىڭ بەزى نۇقتىلىرىدا، ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىىرنىڭ ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالدىنقى سەپنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر