ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كېچە بويىچە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماستىن قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.

1507268
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچە بويىچە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ قولدىن بېرىپ قويغان نۇقتىلارنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەغدەرە، ئاغدام، فۇزۇلى ۋە جەبرائىل لىنيەسىدە كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىدا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ بىر دانە «T-72» تىپلىق تانكىسىنى، ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 9-، 5- ۋە 522- پولك ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئاپتوموبىللىرىنى تاشلاپ قويۇپ چېكىنگەنلىكى، 1-پولك جايلاشقان يەردە بىر يەر ئاستى پاناھلىنىش جايىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بارلىق سەپلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىكى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاغدام، تەرتەر ۋە گورانبوي ۋىلايەتلىرىگە ئوق ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، 2020-يىلى 10-ئۆكتەبىر (شەنبە) سائەت 12:00 دىن باشلاپ تاغلىق قاراباغدىكى جەسەتلەرنى ۋە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدىكى ئۇرۇش توختىتشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر