قازاقىستاندا «ماتەم» ئېلان قىلىندى

قازاقىستاندا 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ئايروپىلان قازاسىدىن كېيىن «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلىندى.

1330682
قازاقىستاندا «ماتەم» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالمۇتا – نۇرسۇلتان ئارىقىلىدا قاتناۋاتقان  Bek Air  ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت « Fokker 100 » تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى قوزغىلىش جەريانىدا تۇرالغۇلار جايلاشقان رايونغا چۈشۈپ كەتكەن.

قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازادا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 53 كىشى يارىلانغان.

ئىلگىرى، سەھىيە ئەترەتلىرى قازادا ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 15 كە يەتكەنلىكىنى، 66 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلاندا 93 يولۇچى بىلەن 5 ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

قازاقىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رومان سىكىليارنىڭ ئېيىتىشچە، «ئايروپىلان ئۇچقۇچىنىڭ خاتالىقى ياكى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن» دەپ، قارالماقتا ئىكەن.

قازاقىستان سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازانىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر،  Bek Air  ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلغان.

پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ازانىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر، « Fokker 100 » تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توكايېۋ 28 – دېكابىر كۈنىنى «مىللىي ماتەم كۈنى» ئېلان قىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى بېرىك ئۇئالى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت توكايېۋ 28 – دېكابىر كۈنىنى ئالمۇتا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈملۈك ئايروپىلان قازاسى سەۋەبىدىن <مىللىي ماتەم كۈنى> ئېلان قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر