تارىختىكى بۈگۈن: 18– سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1493104
تارىختىكى بۈگۈن: 18– سېنتەبىر
  • يىل 1956، 18– سېنتەبىر...
  • ئەفەستە 1926-يىلىدىن تارتىپ داۋاملاشقان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە دۇنياغا مەشھۇر ئارتېمىس ھەيكىلى كۈن يورۇقىغا چىقىرىلدى. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئايال تەڭرى ئارتېمىسقا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە «ئەفەس ئارتېمىسى»، تەبىئەت ئايال تەڭرىسى سۈپىتىدە، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا، تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكىگە ۋە مول--بەرىكەتكە سىمۋول قىلىنىدۇ.
  • قەدىمكى شەھەر ئەفەستىكى «ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى» دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
  • 2002-يىلى 18-سېنتەبىر باكۇ-تىبلىس-جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇلى تۈركىيەنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى ئەھمەت نەجدەت سەزەر، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ۋە گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى شېۋاردنادزى (Şevardnadze) تەرىپىدىن قويۇلدى. ئۇزۇنلۇقى 768 كىلومېتىر كېلىدىغان نېفىت تۇرۇبا يولىدىن 2006-يىلى نېفىت ئاققۇزۇش باشلاندى.
  • 2005-يىلى 18-سېنتەبىر سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغال قىلىشى ۋە دۆلەت ئىچىدە چىققان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىيىتى مۇقىملاشمىغان ئافغانىستاندا، ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر