پەلەستىنلىك 256 تەنھەرىكەتچى ئۆلتۈرۈلدى
پەلەستىن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جىبرىل ئەرراجۇب ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا پەلەستىنلىك 256 پۇتبولچى، باشقۇرغۇچى ۋە تېخنىك خادىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرراجۇب پەلەستىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن خەلقى ۋە پەلەستىن تەنھەرىكەتچىلىرىگە قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى داۋامىدا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن 11 تەنھەرىكەتچى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 256 تەنھەرىكەتچى، باشقۇرغۇچى ۋە تېخنىك خادىمنى ئۆلتۈردى.»
ئۇ ئونلارچە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنى، يۈزلىگەن تەنھەرىكەتچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 مىڭ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.