«ئالتۇن ئوغۇل» مۇكاپاتى بېللىڭخامغا بېرىلدى

ياۋروپانىڭ 21 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلىرىغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن ئوغۇل» مۇكاپاتى ئىسپانىيە رېئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەنگلىيەلىك 20 ياشلىق ماھىرى جۇدې بېللىڭخامغا بېرىلدى.

2065907
«ئالتۇن ئوغۇل» مۇكاپاتى بېللىڭخامغا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە تەنتەربىيە گېزىتى «تۇتۇسپورت» تەرىپىدىن بېرىلىدىغان «ئالتۇن ئوغۇل» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەنگلىيەلىك پۇتبولچى، مۇكاپاتىنى 4-دېكابىر ئىتالىيەنىڭ تۇرىنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تاپشۇرۇلىدۇ.

بېللىڭخامنىڭ سەپدىشى، 18 ياشلىق تۈرك پۇتبولچى ئاردا گۈلەرمۇ 25 كاندىداتنىڭ بىرى ئىدى.

ئىسپانىيە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ 16 ياشلىق پۇتبول ماھىرى لامىن يامال ياۋروپانىڭ «ئەڭ ياش ئالتۇن بالىسى» بولۇپ تاللاندى.

ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مانچېستېر سىتى كوماندىسىنىڭ 23 ياشلىق نورۋېگىيەلىك ھۇجۇمچىسى ئېرلىڭ خائالاند «ئالتۇن ماھىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر