تۈركىيە كوماندىسى بېرلىنغا يېتىپ باردى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن مەخسۇس مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

2065629
تۈركىيە كوماندىسى بېرلىنغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئەتە (18-نويابىر) گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەخسۇس مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېرلىنغا يېتىپ باردى.

تېخنىكا دىرېكتورى ۋىنسېنزو مونتېللا باشچىلىقىدىكى تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى 19.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22.00 دە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان بېرلىن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا مەشىق قىلىدۇ.

تۈركىيە-گېرمانىيە پۇتبول مۇسابىقىسى ئەتە ئەنقەرە ۋاقتى 22.45، ئۈرۈمچى ۋاقتى 19-نويابىر 1 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدۇ.

پولشالىق بارتوسز فرانكوۋسكى مۇسابىقىگە رېپېرلىق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر