تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى لاتۋىيە كوماندىسىنى يەڭدى ۋە 6-قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

2051302
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2024 -يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى 7-ھەپتىدە  D گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاللاش مۇسابقىسىدە، لاتۋىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، 6-قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

گۇرۇپپىسىدا كىرودىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، لاتۋىيە كوماندىسىنى كونيا تەنتەربىيە مەيدانىدا كۈتۈۋالدى.

بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58-مىنۇتتا، تۈركىيە ماھىرى يۇنۇس ئاكگۈن لاتۋىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. 83-مىنۇتتا جەڭ توسۇن بىر كاللا توپ، 87-مىنۇتتا كەرەم ئاكتۈركئوغلۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 3 كە چىقاردى.

ئاخىرىدا، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقگە قوشۇپ بېرىلگەن ئىككى مىنۇتتا جەڭ توسۇن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0 گە قارشى 4 كە چىقاردى.

بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى نومۇرىنى 16 گە چىقىرىپ، گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر