داڭلىق پۇتبولچى مەسۇت ئۆزىل پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى

مېدىپول باشاكشەھىر كوماندىسىدا توپ تېپىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەسۇت ئۆزىل تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، پۇتبول ئويناشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1964005
داڭلىق پۇتبولچى مەسۇت ئۆزىل پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 34 ياشلىق ئۆزىل تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ 17 يىلغا يېقىن كەسپىي پۇتبولچى بولۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بۇ پۇرسەتتىن ئاجايىپ مىننەتدار، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە ۋە ئايلاردا ئارقا-ئارقىدىن يارىلانغاندىن كېيىن، پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ ئويلىدىم» دېدى.

ئۇ ھاياتىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر ۋە ھېسسىياتقا تولغان ئېسىل سەپەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، فورمىسىنى كىيگەن شالكې 04، ۋېردېر برېمېن، خان جەمەتى مادرىد، ئارسېنال، فەنەرباھچە ۋە مېدىپول باشاكشەھىر كوماندىلىرىدىكى بارلىق سەپداشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 159 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىرلەشمە ۋە پادىشاھ لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 254 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ، تۆت قېتىم فېدېراتسىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. گېرمانىيە دۆلەتلىك كوماندىسى تەركىبىدە 92 قېتىم چۈشكەن مۇسابىقىلەردە 23 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بىرازىلىيە ساھىبخانلىق قىلغان 2014-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇنىڭ كوماندىسى چېمپىيون بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر