قاساپئوغلۇ مېسسىنىڭ فورمىسىنى گالاتاساراي كوماندىسىغا ئىئانە قىلدى

مىنىستىر مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

1954819
قاساپئوغلۇ مېسسىنىڭ فورمىسىنى گالاتاساراي كوماندىسىغا ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى لىئونىل مېسسىنىڭ ئىمزالىق فورمىسىنى گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، كىرىمىنى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىئانە قىلدى.

گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبى باشلىقى دۇرسۇن ئايدىن ئۆزبەك بىلەن ئالى سامى يەن تەنتەربىيە مەركىزى نەف تەنتەربىيە مەيدانىدا كۆرۈشكەن مىنىستىر قاساپئوغلۇ، لىئونىل مېسسى ئۆزىگە ھەدىيە قىلغان ئىمزالىق فورمىنى كىرىمىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا ئىشلىتىلىشى مەقسىتىدە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشى ئۈچۈن گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبىغا ئىئانە قىلدى.

قاساپئوغلۇ ئۇ يەردە سۆز قىلىپ: «مەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى قوللىغان پۈتكۈل خەلقىمىزنى تەبرىكلەيمەن، رەھمەت ئېيتىمەن. مەنمۇ بۇ ياخشى تىرىشچانلىققا مېسسىنىڭ ئىمزالىق فورمىسى بىلەن ئاۋاز قوشىمەن» دېدى.

گالاتاساراي پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبى باشلىقى ئۆزبەكمۇ مىنىستىر قاساپئوغلۇغا زىيارىتىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ، كوماندىنىڭ لوگوسى چۈشۈرۈلگەن بىر لەۋھە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر