دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلانغان ياپونىيە، كىرودىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

قاتاردا داۋاملىشىۋاتقان 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، كىرودىيە كوماندىسى بىلەن گۇرۇپپىسىدا يۇقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ پۇتبول دۇنياسىنى ھەيران قالدۇرغان ياپونىيە كوماندىسى بۈگۈن (2022-يىلى 5-دېكابىر) مۇسابىقىلىشىدۇ.

1914578
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلانغان ياپونىيە، كىرودىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرودىيە-ياپونىيە مۇسابىقىسى ئەل جەنۇب تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەنقەرە ۋاقتى 18.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21.00 دە باشلىنىدۇ. مۇسابىقىگە ئامېرىكالىق ئىسمائىل ئېلفات رېپېرلىق قىلىدۇ. مۇسابىقە 1-ت ر ت، 4K ت ر ت قاناللىرى ۋە trtspor.com.tr ئادرېسىدا نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ.

E گۇرۇپپىسىدا گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، پۇتبول دۇنياسىنى ھەيران قالدۇرغان ياپونىيە كوماندىسى، ئالتە نومۇرغا ئېرىشىپ گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولدى. 2018-يىلى رۇسىيەدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن كىرودىيە كوماندىسى F گۇرۇپپىسىدا بەش نومۇرغا ئېرىشىپ گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولدى. بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان كوماندا، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە بىرازىلىيە-جەنۇبىي كورېيە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى غالىبىنىڭ رەقىبىگە ئايلىنىدۇ. بۇ، ياپونىيە ۋە كىرودىيە كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۈچىنچى قېتىم ئۆزئارا ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1998-يىلى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا كىرودىيە 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى ئۇتقان ئىدى. 2006-يىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، ئىككى كوماندا 0-0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر