تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش سىياسىتى

تۆۋەندە ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئېنېرگىيە تېجەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2141586
تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ئىدارە-ئورگانلاردا تېجەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ئاتلاندى؛ بۇ دائىرىدە ئاممىۋىي ئىدارە-ئورگانلارغا قاراشلىق نۇرغۇن ساھەلەردە تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ. بۇ تەدبىرلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ...

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمدە 2053-يىلىغا بارغاندا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش نىشانى ھەمدە تېجەش تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھەرىكەت پىلانى بار. بۇ پىلاننىڭ نامى «2030-يىللىق دۆلەتلىك ئېنېرگىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» بولۇپ، بۇ دائىرىدە، ئىدارە-ئورگانلاردىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %30 ئەتراپىدا تېجەپ قىلىش پىلانلانماقتا. 2030-يىلىغىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %16 ئازايتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى 100 مىليون توننا ئازايتىش كۆزلەنمەكتە.

ئاممىۋى بىنالار ۋە كوچا چىراغلىرىمۇ مىنىستىرلىقنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ئېنېرگىيەنى تېجەش ھەرىكەت پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىدارە-ئورگانلار قارمىقىدىكى بىنالاردا ئىستېمال قىلىنىدىغان ئېنېرگييەنى %15 تېجەشنى پىلانلىغان مىنىستىرلىق، ئاممىۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە چىقىمىدىن بىر يىلدا 1 مىليارد 100 مىليون لىرا تېجەپ قالدى. تېجەش نىشانى 2024-يىلى بىر قاتلاندى؛ 2030-يىلىغىچە ئاممىۋى بىنالاردا %30 ئېنېرگىيەنى تېجەش نىشانى بېكىتىلدى.

ئوخشاشلا، تۈركىيەدە يەنە كوچا چىراغلىرىنى LED لاشتۇرۇش پىروگراممىسى يولغا قويۇلدى. 2030-يىلغا بارغاندا، ئاممىۋى يورۇتۇش ساھەلىرىگە 1 مىليون 200 مىڭ LED ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ. بۇ قەدەمنى توك تارقىتىش شىركەتلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ماسلىشىپ باسىدۇ.

بۇ پىلان 2024-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان بولۇپ، قىسقىغىنا 4 ئاي ئىچىدە تېجەلگەن پۇل 1 مىليارد 100 مىليون لىرادىن ئېشىپ كەتتى.

مىنىستىرلىق يەنە، توك ئىشلەپچىقىرىشتا چەت ئەلگە بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىشنىمۇ پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ يۆنىلىشتە تاشلانغان ئەڭ مۇھىم قەدەم، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەش...

تۈركىيە بۇلتۇر ئېلېكتىرىنىڭ %42ىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەردىن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %6 ىنى قۇياش ئېنېرگىيەسى، %10 ىىنى شامال، %20 ىنى سۇ ئېلېكتىر مەنبەسى تەشكىل قىلدى.

توكنىڭ %58 ى فوسىل (تاشقاتما) يېقىلغۇدىن ئىشلەپچىقىرىلدى.

قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلاندى؛ ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق قانۇنلىرىغا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، ئىچىملىك ​​سۈيى بىلەن تەمىنلەيدىغان توسمىلار، سۇلۇق يەرلەر ۋە دېڭىز قىرغاقلىرىدىن باشقا جايلاردا لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنىڭ يولى ئېچىلدى.

بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دېڭىز، توسما كۆل، سۈنئىي ۋە تەبىئىي كۆللەردە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ رولى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، فوسىل يېقىلغۇدىن توك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئازايتىلىدۇ.

ئىدارە-ئورگانلاردا تېجەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىكەن، ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ تېجەش قەدەملىرىگە ئاۋاز قوشۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئادەتتىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى يېرىمغا يېقىن ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ قەدەملەر قايسىلار؟

- ئىشلىتىلمىگەن چىراغلار چوقۇم ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك.

- ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە يورۇتۇش سىستېمىسى، بولۇپمۇ LED لامپۇچكىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

- ئىشلىتىلمىگەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

- رادىياتورلار ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئارقىسىدا بولماسلىقى، ئۇلار ئالدى ئوچۇق بولۇشى كېرەك.

- قىش ئايلىرىدا ئۆيلەرنىڭ، خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋە ئۇلار جايلاشقان بىنالارنىڭ ئىشىكلىرى يېپىق ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك.

- ئىشلىتىلمىگەن ئۆيلەردىكى ئېلېكتىر رادىياتورلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

- توڭلاتقۇلار 3-5 گىرادۇس ئارىلىقىدا مەشغۇلات قىلىش كېرەك.

- توڭلاتقۇ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى ۋە كىرئالغۇ قاتارلىق ئائىلە سايمانلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا ئۇلار تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالايدۇ.

- ئىسسىق تاماقلارنىڭ توڭلاتقۇغا سېلىشتىن بۇرۇن سوۋۇشىنى ساقلاش لازىم. سوۋۇتماي يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىش توڭلاتقۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

- دوخۇپكىدا تاماق پىشۇرغاندا، ساپال ياكى ئەينەك ماتېرىياللار ئىشلىتىلسە، تېمپېراتۇرا ° C 20 تۆۋەنلەيدۇ.

- ئىشخانا ۋە ئۆي ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە سېتىۋالغاندا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تاللاش كېرەك.

ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاسراشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ؛ ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى قىشتا 18-20 سېلسىيە گىرادۇس، يازدا 24 سېلسىيە گىرادۇسقا تەڭشەش كېرەك.

- ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەيدىغان جايلارغا ئورنىتىش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر