تىبابەتنىڭ سىمۋولى يىلان

چۈنكى (20)

2136632
تىبابەتنىڭ سىمۋولى يىلان

تىبابەتنىڭ سىمۋولى يىلان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «چۈنكى...» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، بىز ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ تەسەۋۋۇرىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە ھازىرمۇ دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر سىمۋول ھەققىدە توختىلىمىز. بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە قورقۇنچنى ۋە يىرگىنشنى قوزغايدىغان يىلاننىڭ قانداقلارچە داۋالاش ۋاستىسى بولغان تىبابەت ئىلمىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.

**** ****** ***** ****

ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بايقاشلاردا بىلىنگەن تۇنجى ئىنسانلار توپىدىن ئېتىبارەن ھايۋان شەكىللىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزدا بار بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. تارىخى 45 مىڭ يىل ئىلگىرىگە تۇتىشىدىغان ۋە تۇنجى بايقالغان رەسىملەردىن بۇيان ھايۋان رەسىملىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تايانچ ئاساسىنى تەشكىل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.  بايقىلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ تارىخ قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگەركەن ۋە بۇندىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى سېلىنغان گۆبەكلىتەپە يادىكارلىقلىرىدا تېپىلغان ئەپسانىلەرگە قەدەر ھايۋانلار ھەم تەبىئىي ھاياتنى ئورتاقلىشىش، ھەم سىمۋوللۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەنبەگە ئايلانغان.

ئەپسانىلەرنى تەبىئىي ۋەقەلەردىن شەكىللەنگەن دېسەك، بولۇپمۇ يىرتقۇچ ۋە زەھەرلىك ھايۋانلاردىن كەلگەن قورقۇنچ شۇنداقلا ئىنساننىڭ چەكسىز تەسەۋۋۇرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. سەۋەبى نامەلۇم ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچلەرگە مۇراجىئەت قىلىش بۈگۈنمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ كۈچلەرنى ئىپادىلەشتە تارىختىن بۇيان ھايۋانلارنىڭ ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ئەپسانىۋى پېرسوناژلار ۋە سىمۋوللار ئەڭ گەۋدىلىك شەكلى بىلەن <پىلانېتا> دېگەن نام بىلەن ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەسلىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىتىدىغان بىر سىمۋول بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بارلىق دوختۇرخانىلاردا كۆرۈلىدىغان يىلان سىمۋولىدۇر.

*** *** *** *** **** ***** *****

ھازىر لۇۋىر مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان سۈمەر پادىشاھى بىرىنچى گۇدېئانىڭ تاش ئويمىسىدا ئورۇن ئالغان ئىچىملىك ​​رۇمكىسى ئۈستىدىكى بىر-بىرىگە گىرەلەشكەن ھالدا تەسۋىرلەنگەن ئىككى يىلاننىڭ ساغلاملىق ئىلاھى نىنزىزىداغا سىمۋوللۇق قىلىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. قەدىمكىي يۇنان ۋە رىم ئەپسانىلىرىدىمۇ يىلان تىبابەت ئىلاھى دەپ قارالغان بولۇپ، ئاسكلېپىئوسنىڭ سېمۋولى ھېسابلىناتتى. كېسەللەرگە شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ئاسكلېپىئوس ئاستىدا يىلان يۆگەشكەن بىر ھاسا بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قەدىمكىي مېسوپوتامىيە ۋە مىسىر مەدەنىيىتىدىمۇ يىلانلار ساقىيىش ۋە شىپا تىپىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىي سىمۋول سۈپىتىدە ئۇچرايدۇ. يىلاننىڭ تېرە تاشلاپ يېڭىلىنىش ئالاھىدىلىكىمۇ كېسەللىكتىن قۇتۇلۇپ يېڭىلىنىشنى ئىپادىلەيدىغان مىتافورا سۈپىتىدە قەدىمكىي تېكىستلەردە ئۆز ئورنىنى ئېلىپ كەلمەكتە.

يىلاننىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ھەرىكەتلىرى ۋە ئەجەللىك زەھىرى پايدا قىلغان قورقۇنچنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلىنىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن شىپانى ئۈمىد قىلىدىغان ئورۇنغا كۆتۈرگەن دەپ ئويلاش خاتا بولمىسا كېرەك. قەدىمكىي ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى بۈگۈنكى كۈندە باشقىچە ئۇسۇلدا تۇرمۇشىمىزدا داۋاملاشماقتا. يىلان زەھىرى بۈگۈنكى كۈندە دورا سانائىتى ساھەسى پايدىلىنىدىغان خىمىيەلىك ماددىغا ئايلاندى. سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا، «farmakoloji» دورىگەرلىك سۆزىنىڭ ئاساسى بولغان «فارماكون» (farmakon) سۆزىنىڭ قەدىمكىي يۇنان تىلىدا «ھەم زەھەر، ھەم شىپا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمىز. 1959-يىلى خەلقئارا تېببىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تىبابەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ھاسىغا يۆگەشكەن ئىككى يىلان ئۇقۇمىنىڭ يۇقىرىقى ۋەقەلەر بىلەن نەقەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن پىروگراممىمزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرىلاشتۇرىمىز.

 


خەتكۈچ: #چۈنكى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر