تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز تەبىئىي گازىغا بولغان ئۈمىدى كۈچەيدى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز تەبىئىي گازىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ كۈچەيگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2136439
تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز تەبىئىي گازىغا بولغان ئۈمىدى كۈچەيدى

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز تەبىئىي گازىغا بولغان ئۈمىدى كۈچەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ياۋروپانىڭ تۆتىنچى چوڭ تەبىئىي گاز ئىستېمالچىسى بولۇپ، يىللىق ئىستېمال مىقدارى تەخمىنەن 51 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ساكاريا تەبىئىي گازلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ ھەممىسىنى ئىمپورت ئارقىلىق قامدايدىغان تۈركىيەنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تەخمىنەن 4 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى. 1.8 مىليون ئائىلىنىڭ تەبىئىي گازى تۈركىيەدىن چىقىرىلىشقا باشلاندى. ئەمما نىشان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، تۈركىيە 2025-يىلىنىڭ بېشىدا كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى 10 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

يېڭى بايقاشلار ئارقىلىق، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى 20 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا. بۇ تەخمىنەن 9 مىليوندىن 10 مىليونغىچە ئائىلىنىڭ تەبىئىي گازىنىڭ تۈركىيەنىڭ  يەرلىك مەنبەلىرى ئارقىلىق قامدىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، تەبىئىي گاز زاپاسلاشقا مۇناسىۋەتلىك نىشانلار بىر-بىرلەپ يولغا قويۇلماقتا. 2028-يىلىغا بارغاندا، تۈركىيە ئىشلىتىدىغان گازىنىڭ 20 پىرسەنتىنى زاپاسلاپ ساقلىيالايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ساقلاش سىغىمى ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ %50 ىگە يېتىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن رايونلاردا، بولۇپمۇ تۇز كۆلى تەبىئىي گاز ساقلاش ئويمانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا تەبىئىي گاز ساقلاش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش ياكى كېڭەيتىش پىلانلانماقتا ئىكەن.

لېكىن، بۇ بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس... تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىش تۈرى دائىرىسىدە قۇرلىدىغان تراكيادىكى ئېنېرگىيە مەركىزىمۇ يەنە بىر سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. تراكيادا قۇرۇلىدىغان مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە روياپقا چىقىرىلىدىغان تۈر خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى موسكۋا-ئەنقەرە لىنىيەسىدە ئۈزلۈكسىز قاتناپ، تۈرنىڭ ئاخىرقى شەكلىگە قارار قىلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيەدە نۆۋەتتە جەمئىي 7 خەلقئارالىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، ئىككىسى لەيلىمە زاپاسلاش ۋە گازلاشتۇرۇش ئورنى بولۇپ جەمئىي تۆت دانە LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز) ئەسلىھەسى ۋە ئىككى دانە يەر ئاستى تەبىئىي گاز ساقلاش ئورنى بار.

خەلقئارالىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولغان «تۈرك ئېقىم »، رۇسىيەنىڭ ئاناپا شەھىرىدىن باشلىنىپ تۈركىيەنىڭ قىرقلارئەلىدىكى قىيىكۆيگىچە سوزۇلىدىغان ئىككى تۇرۇبا يولىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 930 كىلومېتىر كېلىدۇ. قارادېڭىزنىڭ ئاستىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ دۆلەت تورىغا تۇتۇشىدۇ . يەنە بىرى، تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتىدىغان گازنىڭ ياۋروپاغا توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر بىر لىنىيە يىلىغا 15 مىليارد 750 مىليون كۇب مېتىر گاز توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا.

رۇسىيەدىن قارا دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ تۈركىيەگە تۇتىشىدىغان يەنە بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى «ماۋى ئېقىم» بولۇپ، بۇ لىنىيە ھەر يىلى 16 مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئەزەربەيجاننىڭ كاسپىي تەبىئىي گازىنى يۆتكەيدىغان تىرانس ئانادولۇ (ئانادولۇدىن ھالقىغان) تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى — تاناپ، نۆۋەتتە 16 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ تەبىئىي گازنىڭ 6 مىليارد كۇب مېتىرى تۈركىيەگە، 10 مىليارد كۇب مېتىرى بولسا، ياۋروپاغا توشۇلىدۇ. بۇ لىنىيەنىڭ سىغىمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتلىنىشى پىلانلانماقتا.

تۈركىيە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق تەبىئىي گاز كۆپ خىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. بۇ يۆنىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى تۈركمەنىستان بىلەن تاشلاندى. 3-ئاينىڭ بېشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئەزەربەيجان تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان تاغلىق قاراباغدىكى زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە، بۇ دۆلەتنىڭ تەبىئىي گازىنى كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق تۈركىيەگە يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا. بۇ لىنىيە تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر