سامسۇننىڭ غاز گۆشى تامىقى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -18

2133696
سامسۇننىڭ غاز گۆشى تامىقى
SAMSUN KAZ (TİRİDİ) YEMEĞİ.JPG

 

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «سامسۇننىڭ  غاز گۆشى تامىقى » نى تونۇشتۇرىمىز.

سامسۇننىڭ غاز گۆشى تامىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 27.12.2011

****** ********* ******

 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى سامسۇن شەھىرى يەرلىك نازۇ- نېمەتلىرى بىلەنمۇ مەشھۇر. سامسۇننىڭ غاز گۆشى تامىقى 2011 - يىلى سامسۇن ئىچكى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ تاماق ئىسمىدىنمۇ بىلىنگىنىدەك غاز گۆشى، بۇلغۇر پولۇسى ۋە چەلپەكلەر بىلەن تولىمۇ مەززىلىك تاماق ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىنىشىغا تەخمىنەن 4 سائەت ۋاقىت كېتىدىغان سامسۇننىڭ غاز گۆشى تامىقى، قىش پەسلىدىكى توي- تۆكۈنلەردە، ھېيت - بايراملاردا ۋە ئادەم كۆپ كېلىدىغان ئائىلە زىياپەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان تاماق ھېسابلىنىدۇ. تاماقتا ئالاھىدە بېقىلغان ۋە تەخمىنەن 2 كىلوگىرام كېلىدىغان غاز، 1 كىلوگىرام بۇلغۇر ۋە 30 پارچە چەلپەك ئىشلىتىلىدۇ. غازنى تازىلاش، تۇزلاش، پېشۇرۇش ۋە قائىدىسى بىلەن داستېخانغا سۇنۇش قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى بولغان بۇ تاماق ھەقىقەتەن يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. پاكىزلانغان ۋە تۇزلانغان پۈتۈن غاز ئۆيلەردىكى تونۇرغا ئوخشاش، ئوچاققا بويۇنىدىن ئىلمەك بىلەن ئېسىلىدۇ ۋە ئوتۇن ئوتىدا پىشۇرىلىدۇ. غازنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئوبدان پىشۇرۇش ئۈچۈن پات-پات ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاققان ياغنىڭ توپلىنىشى ئۈچۈن غازنىڭ ئاستىغا لېگەن قويۇلىدۇ. چوغقا ئايلانغان ئوتتا غاز ئوبدان پىشىپ، تېرىسى چۈرۈك ھالغا كەلگەندە گۆشنىڭ قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى لېگەنگە ئاققان ۋە «تىرىد» دەپ ئاتىلىدىغان ياغ ئاندا-ساندا قوشۇقنىڭ ياردىمى بىلەن گۆشكە سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا ئوچاقتا تەييارلانغان بۇلغۇر پولۇسىنىڭ ئۈستىگىمۇ غاز يېغى ئىلاۋە قىلىنىدۇ. يۇمشاق پىشقان غاز گۆشى پارچىلىنىپ، سۆڭەكتىن ئايرىلىدۇ ۋە پولۇ ئۇسۇلغان لېگەننىڭ ئۈستىگە قويىلىدۇ. ئاخىرىدا، غاز يېغىغا تۈگۈرۈلگەن چەلپەكلەر بىلەن بىرگە غاز گۆشى  ۋە بۇلغۇر پولۇسى داستېخانغا تىزىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر