قازاق شائىرى، مۇتەپەككۇرى ئاباي قۇنانباي

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، قازاق تۈركلىرىنىڭ مۇھىم ئەربابى، شائىر ۋە مۇتەپەككۇرى ئاباي قونانباي ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2134587
قازاق شائىرى، مۇتەپەككۇرى ئاباي قۇنانباي

قازاق شائىرى، مۇتەپەككۇرى ئاباي قۇنانباي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاباي 1845-يىلى بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ سەمەي رايونى تەۋەلىكىدىكى سىرت-كاسكابۇلاقتا دۇنياغا كەلگەن. قازاقلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى بولغان دادىسى قۇنانباي، ئانىسى ئۇلجان ۋە مومىسى زەرە ئاباينىڭ دەسلەپكى تەربىيەسىدىكى ئۈچ مۇھىم شەخس ئىدى. ئۇلاردىن ئاڭلىغان تارىخىي ۋەقەلەر، شېئىرلار ۋە خەلق داستانلىرى ئاباي خاراكتېرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. تەڭتۈشلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تالانتلىق بالا بولغان ئاباي، ئون يېشىدا دادىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سەمەيدىكى ئەھمەد رىزا مەدرىسىسىدە ئوقۇشنى باشلىغان.  مەدرىسنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد رىزانىڭ قازانلىق تاتار تارىخچىسى ۋە ئىسلاھاتچى دىنىي ئالىم شەھابەددىن مەرجانىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، شۇڭا مەرجانىنىڭ ئىدىيەسىىنى ياقلىغان ھالدا دەرس ئۆتكەنلىكى مەلۇم. ئەھمەد رىزا مەدرىسىسەسىنىڭ ئەينى دەۋرنىڭ باشقا مەدرىسلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇنىڭدا كلاسسىك دىنىي ئىلىملەردىن باشقا، تارىخ، پەلسەپە ۋە شېئىر، شۇنداقلا ئەرەب، پارس ۋە چاغاتاي تىللىرى ئۆگىتىلەتتى. ئاباي دىنىي تەربىيەسىدىن باشقا، تۈرك ۋە پارس ئەدەبىياتىغا قىزىقىپ، نىزامى، نەۋائىي، گەنجەۋى ۋە ھافىز قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاباي 3 يىللىق مەدرىس مائارىپىدىن كېيىن، بۇ شەھەردىكى رۇس مەكتىپىگە تىزىملىتىپ، رۇسچە ئۆگىنىپ، شەرق ئەدەبىياتى ۋە تەپەككۇرى بىلەن بىرلىكتە، رۇس ۋە غەرب ئەدەبىياتى ھەمدە تەپەككۇرى بىلەنمۇ تونۇشقان، پۇشكىن، تولستوي، گېئوتى، سپىنوزا ۋە سپېنسېر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىنى تەرجىمە قىلغان ئاباي يەنە ست.پتېرسبۇرگدىن سۈرگۈن قىلىنغان رۇسىيەلىك زىيالى ئې.پ. مېخائىلېسقا ئوخشاش دېموكراتىك زىيالىيلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاباي ئەدەبىي ۋە پىكرىي تەرەپلەردىن باشقا، سەنئەت ۋە مۇزىكىغىمۇ قىزىققان ھەمدە  ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ بۇ يۆنىلىشكە ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ ئەنئەنىۋى قازاق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە قىزىققاندىن باشقا، دومبرا چېلىپ، قازاق خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتقان. ئاباي ئۆزىنىڭ بەزى شېئىرلىرىنى نوتىلاشتۇرۇپ ئېيتقان. دادىسى قۇناباي ھەجگە كەتكەندە، ناھايىتى ياش بولۇشىغا قارىماي، دادىسىنىڭ ئورنىغا ئارگىن قەبىلىسىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەن ئاباي، شۇ چاغدىكى تەجرىبىسىگە تايىنىپ، چىڭگىز بازىرىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. كېيىن سوتچى دېگەندەك مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەن ئاباي، جەمئىيەتنىڭ ھەم ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ئاباي، خەلقىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا مائارىپ، خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرغان، زۆرۈر تېپىلغاندا قاتتىق تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان. ئاباينىڭ 200 گە يېقىن شېئىرى، 45 پارچە نەسىھىتى، رۇسىچىدىن قىلغان ھەر خىل تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. ۋاپات بولغىنىغا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەت ئەربابى ۋە مەنىۋى يېتەكچى سۈپىتىدە قازاق جەمئىيىتىنىڭ خاتىرىسىدە مۇھىم ئورۇنغا تۇتماقتا. ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە.

يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە دېگۈدەك ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى بىلىدۇ. 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئاباي قۇنانباي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە قازاقىستان ۋە قازاقىستاننىڭ سىرتىدا يېزىلغان كىتاب، كىتاب بابى ۋە ئىلمىي ماقالىلەر سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئاباي مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇش جەريانى ۋە زامانىۋىلىشىش كۈرىشىدە ئەڭ يۇقىرى قاتلامدا تىلغا ئېلىنىدىغان شەخس. ئاباي 1904-يىلى تۇغۇلغان يېرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئىككى قېتىم توي قىلغان بولۇپ، 10 بالىسى بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىچىك چېغىدىلا قازا قىلغان، يەنە بەزىلىرى سوۋېت تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خەلق دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىنىپ قەتل قىلىنغان ياكى سۈرگۈن قىلىنغان. يىغىپ ئېيتقاندا، ئاباي تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان چاغ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت قازاقىستانلىقلارنىڭ قىيىن ۋاقىتلىرىغا توغرا كەلگەن. ئاباي كىچىكىدىن تارتىپلا رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە جەمئىيەتتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچارلىقلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە كۆزەتكەن ۋە بۇ يۈزلىنىشكە قارشى پوزىتسىيە تۇتقان. زۆرۈر تېپىلغاندا، بىئاراملىقىنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن كىشىلەر – دادىسى – گە بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق باشتىن كەچۈرگەن قاراڭغۇ دەۋرنى يورۇتۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ سەۋەبتىن، ئابايغا ئەدەبىيات خاراكتېرى بىلەن بىرلىكتە، ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلارغا قويغان باھاسىنى نەزەردە تۇتۇپ، مودېرنىزمچى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە قازاقىستان جەمئىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە ئىدىيەسى ئانچە گەۋدىلەنمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىقتىن كېيىن ئۆزىگە لايىق قىممەتكە ئېرىشمەكتە، ئىدىيەسى يېڭى دۆلەتكە يېتەكچى بولماقتا. قازاقىستاندا، ئۇنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 200-خاتىرە يىلى بولغان 2045-يىلىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتتى.

 

مەنبەلەر:

1. Avezov, M. (1997). Abay Yolu. (Çev: Zeyneş İsmail ve Ahmet Güngör). Bilig Yayınları:      Ankara.

2. Ayan, E. (2017). Bir Devrin Aynası Abay Kunanbay ve Kara Sözler. Ahmet Yesevi Üniversitesi Mütevelli Heyet Başkanlığı Yayınları: Ankara.

3. Beylur, S. (2020). Abay Kunanbayoğlu’nun Kazak Modernleşmesindeki Yeri. Asya Avrupa, 57,        s. 91-99.

4. Çınar, A.A. (2021). Büyük Kazak Şairi Abay Kunanbayev (1845-1904), TDK yay. Ankara.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر