ئانتەپ باقلاۋاسى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -15

2124937
ئانتەپ باقلاۋاسى
Gaziantep baklavası.jpg

ئانتەپ باقلاۋاسى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، « ئانتەپ باقلاۋاسى» نى تونۇشتۇرىمىز.

ئانتەپ باقلاۋاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 28.03.2005

****** ********* ******

ئانتەپ باقلاۋاسى؛ تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق تاتلىق تۈرۈملىرىنى تىلغا ئالغاندا تۇنجى بولۇپ ئەقىللارغا كېلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇپ، 2005 – يىلى غازىئانتەپ سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئانتەپ باقلاۋاسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۇزۇن يىل ئۇستاز-شاگىرت شەكلىدىكى تەربىيە مۇھىتىدا يېتىلگەن ماھارەتلىك ھۈنەرۋەنلەرنىڭ خىزمىتى بولۇپ،  باقلاۋا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل 4-3 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى باقلاۋانىڭ خېمىرىنىڭ ئىنتايىن نىپىز تەييارلىنىشىدۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 40-35دانە نېپىز ۋاراق خېمىر ئىشلىتىلىدۇ. باقلاۋانىڭ ئىچى «ئانتەپ پىستە بادامى» بىلەن تولدۇرۇلىدۇ، ئاندىن سېرىق ماي ۋە قايماق ئىشلىتىلىدۇ. باقلاۋا ئۇستىلىرى ئالدى بىلەن سېرىق مايدا ياغلانغان يۇمىلاق ياكى تۆت بۇلۇڭلۇق ئاليۇمىن تەخسىگە 20-15دانە نىپىز ياپراق خېمىرنى ئۈستى ئۈستىلەپ تىزىپ، ئاندىن ئەڭ ئۈستىدىكى ياپراق خېمىرغا قايماق سۈركەپ، قايماقنىڭ ئۈستىگە بولۇشىغا پىستە بادام چاچىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 20-15دانە نىپىز ياپراق خېمىرى بىلەن يېپىلىدۇ. ئۆتكۈر پىچاق بىلەن باقلاۋانى خالىغان شەكىلدە توغراپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئېرىتىلگەن سېرىق ماي تۆكۈلىدۇ. يېرىم سائەت ئەتراپىدا دۇخاپكىدا پېشۇرۇلغاندىن كېيىن باقلاۋا دۇخاپكىدىن چىقىشى بىلەن تەڭ ئۈستىگە قاينىتىلغان شىكەر شەربىتى تۆكۈلىدۇ ۋە مەلۇم مەزگىل دەم يېيىشكە قويۇپ قويۇلىدۇ.  

بۈگۈنكى كۈندە ئانتەپ پىستە باقلاۋاسىدىن باشقا يەنە، ياڭاقلىق باقلاۋا، قايماقلىق باقلاۋا تۈرلىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىلماقتا. ئانتەپ باقلاۋاسى ھەم كۈندىلىك ئىستېمال ئۈچۈن ھەم توي- تۆكۈن، زىياپەت ۋە ھېيت بايراملارغا ئوخشاش ئالاھىدە كۈنلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان لەززەت ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر