ئەنقەرە-باغداد مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئېنېرگىيە

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئەنقەرە-باغداد مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2117286
ئەنقەرە-باغداد مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئېنېرگىيە

ئەنقەرە-باغداد مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئېنېرگىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە-ئىراق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا زىيارەتلەر نەتىجىسىدە يېقىندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشتى. بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئارقىلىق يېڭى باسقۇچقا ئۆرلىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن يېقىندا ئىراققا بېرىپ، مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ رامىزاندىن كېيىن ئىراقنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىگە ئالاھىدە  ئورۇن ئاجرىتىلدى؛ ئەلۋەتتە، بۇ بىردىنبىر تەپسىلات ئەمەس. ئەنقەرە-باغداد لىنىيەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ رەسمىي سالاھىيەت دائىرىسىدە ئورنىتىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. بۇ نۇقتا بىرلەشمە باياناتتا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەندى:

 

«ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قۇرۇلمىلىق رامكا شەكىللەندۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق دائىملىق ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈچۈن، رامكا كېلىشىمى تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىراق جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە تەييارلايدىغان ھۆججەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ ماس قەدەمدە، قەرەللىك ھالدا، نەتىجىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سودا، دېھقانچىلىق، ئېنېرگىيە، سۇ، سەھىيە ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس خىزمەت قىلىدىغان بىرلەشمە دائىمىي كومىتېتلارنى قۇرۇش قارار قىلىندى».

 

شۇنداق، بىز بۇ ھەپتە يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيە-ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار قىسمى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز؛ يېڭى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ئىراق يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بىر تۈرگە، تېخىمۇ ئېنېقراق قىلىپ ئېيتقاندا، فاۋ پورتى ۋە تەرەققىيات يولى» تۈرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

تەرەققىيات يولى تۈرى 1200 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول ۋە تاشيول ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ تۈر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىسكەندەرۇن پورتى بىلەن بەسرە قولتۇقىدىكى فاۋ پورتى ھەم تۆمۈر يول ھەمدە تاشيول ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولىدۇ.

بۇ تۈر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تارتىپ پارس قولتۇقى دۆلەتلەرگىچە بولغان ناھايىتى كەڭ رايونغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئىراق بىلەن بىرلىكتە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا توشۇشقا تېخىمۇ ئاز ۋاقىت ۋە تېخىمۇ ئاز چىقىم كېتىدۇ. شۇنداقلا بۇ تۈر تۈركىيەنىڭ «ئېنېرگىيە مەركىزى» پىلانىغىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. تۈركىيە ئىراق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىغا كىرىشىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. تەرەققىيات يولى تۈرى قىزىل دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە دېڭىز قاتنىشىدىكى كۆرۈنەرلىك ئازىيىشتىن كېيىن، سۈۋەيىش قانىلىنىڭمۇ ئاساسلىق رەقىبىگە ئايلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باغداد زىيارىتى بىلەن بىرلىكتە، بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى پىلانلانماقتا.

ئىراقنىڭ دەلىللەنگەن نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 145 مىليارد ۋارىل بولۇپ، دۇنيادىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تەخمىنەن %8 گە ئىگە. ئىراق نېفىتى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە سۈپىتى جەھەتتىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان نېفىتلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى جەريانىدا يەنە، ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا مەشغۇلاتى توختىغان ئىراق-تۈركىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا.

كەركۈك يۇمۇرتالىق خام نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 70 مىليون ۋارىلدىن ئاشىدۇ. كەلگۈسى مەزگىلدە، لىنىيەنىڭ سىغىمىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تەرەققىيات يولى تۈرى بىلەن بىرلىكتە، يېڭى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنى قۇرۇش پىلانلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى نۆۋەتتە يىللىق 25 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مىقدارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر