تەكىرداغ ھايرابولۇ تاتلىقى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 11

2114118
تەكىرداغ ھايرابولۇ تاتلىقى

تەكىرداغ ھايرابولۇ تاتلىقى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «تەكىرداغ ھايرابولۇ تاتلىقى» نى تونۇشتۇرىمىز.

تەكىرداغ ھايرابولۇ تاتلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 09.08.2021

****** ********* ******

تۈركىيەنىڭ مارمارا دېڭىزىغا جايلاشقان شەھەرلىرىدىن بىرى تەكىرداغنىڭ ھايرابولۇ ناھىيەسىنىڭ ئىسمى  بىلەن ئاتالغان «ھەيرابولۇ تاتلىقى» پىشلاقلىق ۋە شەربەتلىك بىر تاتاتلىق يېمەكلىك تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھايرابولۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن  2021-يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.  ھايرابولۇ تاتلىقىنى ياساشتا، ئاساسەن تاتلىق يېمەكلىكگە خاس پىشلاق ھازىرلىنىدۇ. رايوننىڭ ئوتلاقلىرىدا ئۆستۈرۈلگەن كالا سۈتىدىن تەييارلىنىدىغان پىشلاقنى دەسلەپتە قىيما ماشىنىسىدا ئىنچىكە توغراشقا توغرا كېلىدۇ. كىچىك پارچىلانغان پىشلاق ئاندىن چوڭ قاچىدا تۇخۇم، ئۇرۇق، ئۇن ۋە كاربونات قېتىلىپ ياخشى يۇغۇرۇلىدۇ.  ھاسىل قىلىنغان خېمىر ساقلىتىلماستىن دەرھال يېرىم شارغا ئوخشاش كېسىلىپ لىگەنگە تېزىلغاندىن كېيىن، 330 سېلسىيە گرادۇستا 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۆي تېمپېراتۇراسىدا سوۋۇتۇلىدۇ. سوۋۇتۇلغان تاتلىق خېمىر ئۈچۈن سۇ، شېكەر ۋە لىمون ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان شەربەت تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تاتلىق خېمىر بىلەن شەربەت بىرلا ۋاقىتتا قاينىتىلىدۇ. ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان بۇ باسقۇچتا، پىشۇرۇلغان خېمىر ئاندا-ساندا ئۆرۈلۈپ، تاتلىق تۈرۈمنىڭ ئىچى ۋە پۈتۈن يۈزگە شەربەت سۈركىلىدۇ. تاتلىق شەربەتنى تولۇق ئۆزىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئايرىم بىر قاچىغا سېلىپ سوۋۇتۇلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن، داستېخانغا سۇنۇلىدىغان ھايرابولۇ تاتلىقىنىڭ ئۈستىگە ياقتۇرۇشقا ئاساسەن ياڭاق، يەر ياڭىقى مېغىزى، ياۋا ياڭاق مېغىزى، تاھىن ۋە قايماق قوشۇپ مېھمانلارغا سۇنۇلىدۇ.

ھايرابولۇ تاتلىقى قۇرۇتۇلغان شەكىلدىمۇ سېتىلىدۇ. 8 ئايغىچە بۇزۇلمايدۇ. ئەمما شەربەتلەنگەن ھايرابولۇ تاتلىقىنى بولسا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 كۈن ئىچىدە ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر