نەۋشەھىر قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 8

2101820
نەۋشەھىر قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى

نەۋشەھىر قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «نەۋشەھىر قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى» نى تونۇشتۇرىمىز...

نەۋشەھىر قايماقلى يېزىسى قۇرۇق قايمىقىنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقتى: 21.04.2022

****** ********* ******

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئانادولۇ رايونىدا تەبىئىي ۋە تارىخى گۈزەللىكلىرى بىلەن تونۇلغان نەۋشەھىرگە قاراشلىق قايماقلى يېزىسى ئۆز ئىسمىنى ئۆزگىچە بىر سۈت مەھسۇلاتىغىمۇ بەردى. قايماقلى يېزىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن 2022-يىلى «قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى» تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.  «قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى» سېرىق ماي تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ياغ مىقدارى يۇقىرى،  قۇرغاق، قاتتىق بولۇپ، يېرىم ئاي شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. كالا سۈتىدىن ياسالغان قايماقنى ئىشلەپچىقرىىش ئۈچۈن دەسلەپتە يىغىلغان سۈت ئىنچىكە رەخت بىلەن سۈزمە قىلىنىدۇ. ئاندىن سۈت «تاندىر ئەۋى» (تونۇر ئۆيى) دەپ ئاتىلىدىغان ۋە يەرگە كۆمۈلگەن تونۇرلاردا پىشۇرۇلىدۇ. سۈت قازان بىلەن بىللە تونۇردىن چىقىرىلىپ، ئوتنىڭ ئۈستىگە مىس تەخسە بىلەن قويۇلىدۇ. تەخسە قىزىغاندىن كېيىن، قىزىق سۈت ئىنچىكە رەختتە سۈزۈلۈپ ئاستا-ئاستا تەخسىگە تۆكۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شەكىللەنگەن كۆپۈكلەر قايماقنىڭ تور شەكلىدە قۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. تەخمىنەن تونۇردا ئالتە سائەت پىشۇرۇلغان سۈتتە قايماق ھاسىل بولغاندا، مىس تەخسىنىڭ گىرۋەكلىرىگە چاپلاشقان قايماق پىچاق بىلەن ئېلىنىدۇ. تەخسىدىن ئاجرىتىلغاندا يېرىم ئايلانما شەكلىگە كەلگەن قايماق تەتۈر ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېڭى قايماقنى مىس تەخسىدىن پارچىلىماستىن ئاجرىتپ ئېلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان ئالاھىدە ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈش ئۇستىلىق ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى قايماقنى قۇياش نۇرىدىن يىراق ئۆيدە ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرادا ئەلگەك ئۈستىدە 24 سائەت ساقلاپ قۇرۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلگەكنىڭ تۆشۈكلۈك بولۇشى ھەم ئۈستىدىن ھەم ئاستىدىن ھاۋا ئېلىشىنى شۇنداقلا قايماقنىڭ ھەممە تەرىپىنىڭ تەكشى ۋە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھەر يىلى يېزىدا فېستىۋالىمۇ ئۆتكۈزۈلدىغان «قايماقلى يېزىسىنىڭ قۇرۇق قايمىقى» نى توڭلاتقۇدا 14 كۈن، ياكى سوغۇقلۇقتا 0 تۆۋەن 1 سېلسىيە گرادۇستىن 18 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولغان تېمپېراتۇرادا بىر يىل بۇزماي ساقلىغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر