بۇردۇر ئىبەجىك رەختى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 4

2090011
بۇردۇر ئىبەجىك رەختى

بۇردۇر ئىبەجىك رەختى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «بۇردۇر ئىبەجىك رەختى» نى تونۇشتۇرىمىز.

تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز رايونىدىكى بۇردۇر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىبەجىك يېزىسى، ئۆزىگە خاس ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا ئۆز نامىنى بەرگەن ئىدى. كەنت قارمىقىدىكى گۆلھىسار رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن 2023 - يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن «ئىبەجىك رەختى»، ئادەتتە ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان قول توقۇلمىلارغا %100 پاختا يىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق توقۇلىدۇ. كەنتتە ياشايدىغان ئاياللار ئالاھىدە توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ توقۇيدىغان ۋە ئىنتايىن نېپىز قۇرۇلمىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىبەجىك رەختنىڭ خام ماتېرىيالى پاختا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ  تەبىئىي رەڭگىمۇ قايماق رەڭ بولىدۇ. توقۇشتا ئومۇمەن پاختا يىپ ئىشلىتىلىدۇ، بەزىدە يۇڭ ۋە يىپەك يىپلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئوخشىمىغان تېخنىكىلار بىلەن توقۇلىدىغان ۋە ئاساسلىقى گېئومېتىرىيەلىك شەكىلدە نۇرغۇن نەقىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىبەجىك رەختىنىڭ توقۇلۇشى، تېگى ئاق ياكى رەڭلىك نەقىش توقۇلمىلار بىلەن تەگلىكنى تىكىش ئارقىلىق توقۇلىدۇ. نەقىش ئۈچۈن تەگلىكىگە ئاساسەن نېپىز ئىنچىكە يىپ ئىشلىتىلىدۇ ۋە يىپ 12 قات ئۆرۈلۈپ قېلىنلاشتۇرۇلىدۇ.

كەنتلەردە ياشايدىغان ۋە ياز ئايلىرىدا قۇياش نۇرى ئاستىدا ئېتىز ۋە باغلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىغان ئەر-ئاياللار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياغلىق ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن بۇ ئىنتايىن نىپىز توقۇلما مەھسۇلات، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۈستەل ۋە قەھۋە ئۈستىلى يوپۇقى، ئۈستەل داستىرخېنى ۋە ياغلىقى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. «پېشكىر» دەپ ئاتىلىدىغان ئاشخانا قول لۆڭگىسى ۋە ئاياللار ئۈچۈن شارپا ۋە ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر