بودرۇم بالېت بايرىمى

بىلىۋېلىڭ (48)

2021152
بودرۇم بالېت بايرىمى

بودرۇم بالېت بايرىمى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بودرۇمدا ئۇدا 20 يىلدىن بۇيان بالېت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟

بۇ يىل 20-قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارا بودرۇم بالېت بايرىمى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر بالېت بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بودرۇم بالېت بايرىمى ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا،  بودرۇم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئوپېرا ۋە بالېت باش ئىدارىسى تەرىپىدىن بودرۇمنىڭ سىمۋولى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن بودرۇم قەلئەسىدىكى شىمالىي ھەندەگى سەھنىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دۆلەت  ئىچى – سىرتىدىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان بودرۇم بالېت بايرىمى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئوپېرا ۋە بالېت باش ئىدارىسى تەرىپىدىن 2003-يىلدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى زور ئىشتىياق بىلەن تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

سەنئەتنىڭ ئەڭ نەپىس نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان بالېت بايرىمىنىڭ تارىخىي بىر قەلئەدە، بودرۇمنىڭ داڭلىق ماندارىن پۇرىقى ئاستىدا تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچرىشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، تۈركىيەدە بولسا بىردىنبىر فېستىۋال ھېسابلىنىدىغان بۇ بايرام يىلسېرى  ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ زورايتىپ، بودرۇمنىڭ گۈزەللىكىگە ھۆسىن قوشماقتا، شۇنداقلا جەلپكارلىق پائالىيەتلەردىن بىرىگە ئايلانماقتا. كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردىن سەنئەت ھەۋەسكارلىرى بۇ بايرامدا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ مۇنەۋۋەر بالېت ۋە زامانىۋى ئۇسسۇل سەنئىتى بىلەن تونۇشىدۇ.

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئوپېرا ۋە بالېت باش ئىدارىسى خەلقئارالىق بودرۇم بالېت بايرىمىنىڭ سىرتىدا تۈركىيەنىڭ باشقا مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىمۇ فېستىۋاللارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق  سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تارىخىي سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئوپېرا ۋە بالېت بايراملىرى ئىستانبۇل، قەدىمكى ئەفەس شەھىرى ۋە ئانتاليادىكى ئاسپېندوس قەدىمكى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ مۇھىم خەلقئارالىق بايراملار دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان ئانادولۇ تېرروتېرىيەسىگە يېڭى قىممەتلەرنى قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر