قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

بۈگۈن پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.

2004958
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەيدۇ. قۇربان ھېيت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن كۆكتىن چۈشۈرۈلگەن قوچقارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىغا كىردى. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ئەنئەنىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھالال پۇل بىلەن سېتىۋېلىنغان قۇربانلىق بۈگۈن گۇناھلار ئەپۇ قىلىنىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدۇ. خالىغانلار ھېيتنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىدىمۇ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، يەنە ئۈچتىن بىر قىسمى مېھمانلارغا ئىكرام قىلىنىدۇ. قالغان ئۈچتىن بىر قىسمى قۇربانلىق قىلالمىغانلارغا تارقىتىلىدۇ. ھېيتتا، ھەممىدىن بۇرۇن چوڭلارنى يوقلاش مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. كىچىك بالىلار ھېيتتا خۇشاللىققا چۆمۈلىدۇ.

پۈتكۈل دۇنيادا بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكلەرنىڭ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى تىلەپ، قۇربان ھېيتنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز. قۇربان ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر