ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر

كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ).

2000372
ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فاتىر سۈرىسى، 37 - 45 - ئايەتلەر.ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر[38]. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ[39]. ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار (نېمە بىلەن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر ـ بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ[40]. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[41]. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى[42]. (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن[43]. ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئىلاجسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[44]. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋە لېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[45].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر