پۇت مۇسكۇللىرى كۈچلۈك كىشىلەردە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپى تۆۋەن بولىدۇ

كۆزنەك (41)

1995660
پۇت مۇسكۇللىرى كۈچلۈك كىشىلەردە  يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپى تۆۋەن بولىدۇ

پۇت مۇسكۇللىرى كۈچلۈك كىشىلەردە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپى تۆۋەنرەك بولىدۇ

پۇت مۇسكۇللىرى كۈچلۈك كىشىلەردە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپى تۆۋەنرەك بولىدۇ

ياپون تەتقىقاتچىلار پۇت مۇسكۇللىرى كۈچلۈك كىشىلەردە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى (ESC) نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەمما پۇت مۇسكۇللىرى كۈچلۈك بىمارلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپى تۆۋەنرەك بولىدىكەن.

ياپونىيەنىڭ ساگامىخارا ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەتقىقات داۋامىدا، 2007-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇنجى قېتىم يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئىلگىرى يۈرەك كېسىلىنى باشتىن كەچۈرمىگەن 932 ئادەم تەكشۈرۈلگەن.

يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا داۋالانغان بىمارلارنىڭ مۇسكۇللىرى تەكشۈرۈلگەن، پۇتلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئۆلچەنگەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ بىمارلاردىن 481 ىنىڭ پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، 451 ئىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى، 67 بىمارنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنىڭ ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدە ئىكەنلىكى بايقالغان.

يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندىن باشلاپ ئۇدا 4.5 يىل بويىچە تەكشۈرۈلگەن بىمارلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆلچەش نەتىجىسىدە،  بۇ بىمارلار ئارىسىدىكى يۈرەك مۇسكۇللىرى كۈچلۈك بولغانلىرىنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش نىسبىتىنىڭ ھەر مىڭ ئادەمدە 10.2، مۇسكۇللىرى ئاجىز بولغانلىرىنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش نىسبىتىنىڭ ھەر مىڭ ئادەمدە 22.9 ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات داۋامىدا يەنە پۇت مۇسكۇلىلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈلگەن.

نەتىجىدە، پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ% 5 ياخشىلىنىشىنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپىنى % 11 تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ساگامىخارا ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى فىزىكىلىق داۋالاش بۆلۈمىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان كېنسۇكې ئۇئېنو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەتقىقات يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋىپى يۇقىرى بىمارلارنى بايقاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى.»

«كلىنىكىلىق شارائىتتا پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى توغرا ئۆلچەش ئاسانغا توختىتىدى. بۇ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا داۋالاش ئۇسۇلىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر