ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ.

1988613
ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:فاتىر سۈرىسى، 1 - 11 - ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1]. ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2]. ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[3]. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە)، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[4]. ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار[5]. شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ[6]. كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ[7]. ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[8]. ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر[9]. كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ[10]. ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ـ ئايالدىن ئىبارەت) بىر جۈپ قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان[11].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر