ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر

ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ).

1980382
ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەبەئ سۈرىسى، 23 - 32  - ئايەتلەر. ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرولۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر[23]. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ)، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز، يا روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز»[24]. ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز»[25]. ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر»[26]. ئېيتقىنكى، «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ـ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[27]. سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[28]. ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ[29]. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر»[30]. كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ[31]. چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ[32].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر