كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ رىزە

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا رىزەنى ساياھەت قىلىمىز...

1967120
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ رىزە

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ رىزە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كېمىمىزگە خۇش كەلدىڭلار! ئۆتكەن بىر ھەپتە جەريانىدا يېڭى يولۇچىلىرىمىزنىڭ بىزگە قوشۇلۇشىنى ساقلىغاچ، يېڭى لىنىيەمىزنى بەلگىلىدۇق... شۇنداق، بۇ ھەپتىمۇ قارا دېڭىزدىكى ساياھىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۈگۈن ھاۋا سەل سوغۇق. شۇنداق بولسىمۇ، بۈگۈن بىز شەرقىي قارادېڭىزدىكى چاي ئېتىزلىقلىرىنىڭ %65 گە ئىگە رايونى — رىزەنى زىيارەت قىلىمىز.

*  *  *  *

چاي دۇنيادىكى سۇدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگە تۇتىشىدۇ. تۈركىيەدە رىزە «چاينىڭ پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ… رىزە ھەمىشە دېگۈدەك يامغۇر ياغىدىغان، ناھايىتى كەڭ چاي باغچىلىرىغا ئىگە شەھەر بولۇپ، دېڭىز ساھىلىغا يېقىنلاشقاندا، يانتۇلۇقلاردا كۆرۈنىدىغان يېشىللىقلارنىڭ ھەممىسىدە چاي ئۆستۈرۈلىدۇ.

رىزە بىر تەرىپى يېشىللىققا، يەنە بىر تەرىپى كۆپكۈك دېڭىز مەنزىرىسىگە ئىگە بىر شەھەر بولۇپ، ئۇ تاغلار، يايلاقلار ۋە دېڭىز ساھىللىرىدىن ئىبارەت ھەرخىل جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بىز رىزە ساياھىتىمىزنى ئۇنىڭ دېڭىز، دەريا ياكى كۆللىرىدىن باشلايلىمۇ ياكى دەرەخزارلىقلىرى ۋە يايلاقلىرىدىن باشلايلىمۇ؟ ياكى بولمىسا، كۆرۈنۈشى بىر – بىرىدىن جەلپكار تائاملىرى، سەمىمىي ئەمما بىر ئاز جاھىل مىجەز ئادەملىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن باشلامدۇق؟ رىزەدە كۆرۈش ۋە ھېكايە قىلىشقا تېگىشلىك شۇنچىلىك كۆپ يەر باركى، ۋاقىتنى زايە قىلماستىن ئاتلىنايلى.

ئاق دېڭىز رايونىدا مۇستەملىكە شەھەرلەرنى قۇرغان مىلېتۇسنىڭ باتۇر ماتروسلىرى كېينكى مەزگىللەردە قارا دېڭىزغىمۇ يەلكەن ئاچىدۇ؛ قارا دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا پىسەنت قىلماستىن، سودا قىلىدىغان يېڭى جايلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار تەبىئىتى ۋە مۇنبەت تۇپراقلىرىدىن تەسىرلىنىپ، قارا دېڭىزدىمۇ مۇستەملىكە رايونلارنى قۇرۇشقا باشلايدۇ. رىزەمۇ سودا مەقسەتلىك قۇرۇلغان مۇستەملىكىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ شەھەر كېيىنكى دەۋرلەردە پارس، رىم، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قاتارلىق ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

سەپىرىمىزنى شۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىگە تەۋە فىرتىنا ۋادىسىنىڭ ئېتىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان چاملىھەشىندىكى زىلقەلئەدىن باشلايلى. تىك قىيالىقلارغا ياسالغان زىلقەلئە رىزەدىكى ئەڭ مۇھىم تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ بىرى. قەلئەنىڭ قاچان سېلىنغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە كارۋانلارنىڭ ئۆتۈش يولى بويىدا، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي يىپەك يولى بويىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. زىلقەلئە ياۋروپانى شەرق مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشتۇرغان يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلايدىغان بىر قەلئەگە ئايلىنىدۇ. تا ھازىرغىچە ياخشى ھالەتتە ساقلىنىپ قالغان قەلئە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك قەلئەلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ. ئارقىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كاچكار تېغى، زىلقەلئەنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىسىنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىدۇ.

رىزەدىكى تارىخىي قەلئەلەرنىڭ يەنە بىرى قىز قەلئەسى. بۇ قەلئە يېرىم ئارالغا سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. كىچىك بىر ئارالدىكى قىز قەلئەسىنىڭ پەقەت قاراۋۇل مۇنارىلا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان. قەلئەنىڭ سىلىق تاش ئويمىچىلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

*  *  *  *

رىزە قارا دېڭىز رايونىغا تەۋە ھەممىلا نەرسىنى بىراقلا كۆرگىلى بولىدىغان جاي. تىك يانتۇلۇق جىلغىلىرى، بۇلۇتلارغا تېگىپ تۇرىدىغان تاغلىرى، خىلمۇخىل يېشىللىقتىكى يايلاقلىرى، مۇزلۇق كۆللىرى، ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېز ئاقىدىغان قاينام-تاشقىنلىق دەريالىرى، ئەلۋەتتە چاي ئېتىزلىرى... بىزنىڭ بۇ يەردە ھېكايە قىلىنىدىغان نۇرغۇن نەرسە بار دېگەن سۆزىمىزنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى بىز رىزە ھەققىدىكى سۆزىمىزنى ئەمدىلا باشلىدۇق.

بىزگە ئاجرىتىلغان ۋاقىتنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالغان بولساقمۇ «ماي چېيى» دەپ ئاتىلىدىغان بالدۇر ھوسۇل ئېلىنىدىغان چاي توغرىسىدا توختالماي تۇرۇپ، بۈگۈنكى سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرمايلى. دۇنيادىكى چاي ئۆستۈرىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت تۈركىيەدىلا چاي ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۈستىگە قار ياغىدىغان بولۇپ، بۇ قار چاينىڭ يېڭى يوپۇرماقلارنى چىقىرىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. مەزكۇر قارنىڭ سايىسىدا ئۆزگىچە تەمگە ئىگە بولىدىغان بۇ چاي «ماي چېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چاينى بازارلاردىن تاپالمايسىز. چۈنكى ئۇ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئەمما، ئەنسىرىمەڭلار! بىز سىلەرنى بۇ يەرگىچە ئېلىپ كەلگەن ئىكەنمىز، ماي ئېچىدىن ئىچكۈزمەي يولغا سېلىپ قويمايمىز. بۇ يەردە بىر ئاز ئارام ئالايلى؛ بۇ جەرياندا سىلەر رىزەنىڭ قار سۈيىدىن ئۇزۇقلانغان دۇنياغا داڭلىق ماي چايلىرىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىڭلار. ئالدىمىزدىكى ھەپتە يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇزلۇق كۆللەرنى كۆرىمىز، ئارقان كۆۋرۈكتىن ئۆتىمىز ۋە قولۋاق ساياھىتى ئورۇنلاشتۇرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر