سۈنئىي ئىدراك پات يېقىندا چۈشىڭىزنىمۇ خاتىرىلىشى مۇمكىن

كۆزنەك -30

1965762
سۈنئىي ئىدراك پات يېقىندا چۈشىڭىزنىمۇ خاتىرىلىشى مۇمكىن

سۈنئىي ئىدراك پات يېقىندا چۈشىڭىزنىمۇ خاتىرىلىشى مۇمكىن

 كۆزنەك -30

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇدىيولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، سۈنئىي ئىدراكنىڭ پات يېقىندا چۈشىمىزنىمۇ خاتىرىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

مۇتەخەسسىسلەر ھەر قانداق بىر چۈش ئاخىرلاشقاندا، %50 نى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى ۋە 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن 90 پىرسەنتىنىڭ ئەس- خاتىرىمىزدىن يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.  ئەمما، سۈنئىي ئىدراكنىڭ چۈشلىرىمىزنى خاتىرىلىشى بىلەن بۇ ئەھۋال يېقىندا  ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

سۈنئىي ئىدراك ئەمدىلىكتە مېڭىنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئوقۇيالايدۇ ۋە بىر كىشىنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئىنتايىن ئوخشايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلەپچىقارالايدۇ. بۇ تېخنىكانىڭ ئوخشىمىغان ھايۋان تۈرلىرىنىڭ ئۆز مۇھىتىنى قانداق تونۇغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە پالەچ كىشىلەرنىڭ ئالاقە – مۇناسىۋەتلىرىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ھەر خىل يوشۇرۇن قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىمۇ بار.  ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن تەجرىبىخانىلار مېڭە سىكانىرلىغان كۆرۈنۈشلەرنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن سۈنئىي ئىدراكنى ئىشلەتكەن ئىدى.

ئەمما، گېرمانىيە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە 2022-يىلى بازارغا سېلىنغان «Stable Diffusion» ناملىق بىر ئالگورىتمىنى ئىشلىتىدىغان يېڭى تەتقىقات تۇنجى بولۇپ بارلىققا كەلدى.

بۇ ئالگورىتما تېكىستتىن رەسىم ئىشلەپچىقىرىدىغان سۈنئىي ئىدراكقا ئوخشايدىغان چوڭ مېڭە مودېللىرىنى مىڭلىغان رەسىملەر بىلەن چېتىشلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوشۇمچە  تېكىست ئىشلىتىدۇ ۋە كۆرۈنۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.  باشقا ئالگورىتىملارنىڭ ئەكسىچە، «Stable Diffusion» ناملىق ئالگورىتما ئاز مەشىقنى تەلەپ قىلىدۇ  ۋە بۇ ئۇنى «مېڭىنى يېشىش» نىڭ يېڭىچە  ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېرۋا سىستېما ئىلمى مۇتەخەسسىسى يۈ تاكاگى سۈنئىي ئىدراك ئالگورىتىمىسىنىڭ كۆرۈنۈش ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن مېڭە پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  

بۇ ئالگورىتما چوڭ مېڭىنىڭ ئاكتىپ رايونلىرىغا قان ئېقىشىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى بايقىيالايدىغان فۇنكسىيەلىك ماگنىتلىق رېزونانس سۈرەتكە ئېلىش <FMRI> نىڭ مېڭە سىكانىرلاشتۇرۇشىدىن قولغا كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزاھلاپ چىقىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ۋاقىتلىق ۋە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى بىرسى ئۇنى سۈرەتكە ئالغاندا سۈرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان مەلۇماتلارنى قەيت قىلىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى قاتناشقۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى سىكانىرلاشتا سىناق قىلىندى، ئەمما ئۇنى باشقا كىشىلەرگىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇ سىستېمىنى قايتا مەشىق قىلدۇرۇشقا ئېھتىياج بار.

تەتقىقاتچىلار بۇ تېخنىكانىڭ بىلىش خاراكتېرلىك نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېچىپ، خىيالىي چۈشەنچىلەرنى ۋە چۈشلەرنى سۈرەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.  

مەنبە: ت ر ت خەۋەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر