سوغۇق تېگىپ قېلىش ۋە زۇكامنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (29)

1965584
سوغۇق تېگىپ قېلىش ۋە  زۇكامنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

سوغۇق تېگىپ قېلىش، زۇكام، بۇ كېسەللىكلەرنى ئانتىبىيوتىك دورىلار ئارقىلىق داۋالاشنىڭ پايدا – زىيىنى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

سوغۇق تېگىپ قېلىش، زۇكام، بۇ كېسەللىكلەرنى ئانتىبىيوتىك دورىلار ئارقىلىق داۋالاشنىڭ پايدا – زىيىنى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

كۈز ۋە قىش پەسلىدە نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەر 100 بىماردىن 80 ى ئانتىبىيوتىك دورىلار ئارقىلىق داۋالاشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. چۈنكى تەرەققىي قىلغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ٪80 ى ۋىرۇستىن، قالغان قىسمى باكتېرىيەدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئانتىبىيوتىكلار پەقەت باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىلا ئىشلىتىلىدۇ.

قىش پەسلىدە بولۇپمۇ نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىقلاردىن بىرى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشتۇر.

بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى زۇكام ۋە سوغۇق تېگىپ قېلىش قاتارلىق گال ئاغرىقى كېسەللىكلىرىدۇر.

بىمارلار سوغۇق تېگىپ قېلىش ۋە زۇكامنى كۆپ ھاللاردا قىزىتما بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما بۇ كېسەللىكلەر ئارىسىدا روشەن پەرقلەر بار:

· كۆپ خىل ۋە كۆپ ساندىكى ۋىرۇس سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سوغۇق تېگىپ قېلىشتا قۇرۇق يۆتەل،  گال ئاغرىقى، بۇرنى ئېقىش ۋە بەزىدە يېنىك قىزىتما كۆرۈلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىر ئادەم پەسىل مەزگىلىدە بىر نەچچە خىل ئوخشىمىغان ۋىرۇس ۋە بۇ ۋىرۇسلارنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى تۈرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ كېسەللىكلەردىن بىرىدىن كۆپرەكى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

· تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زۇكام گال ئاغرىقى بىلەن باشلىنىدۇ، ئەمما 38.5 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى قىزىتمىدا قاتتىق مۇسكۇل ئاغرىش، باش ئاغرىش ھەتتا بوغۇم ئاغرىقى كۆرۈلىدۇ.

كۈز ۋە قىش پەسلىدە نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەر 100 بىمارنىڭ 80 ى ئانتىبىيوتىك دورىلار ئارقىلىق داۋالاشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. چۈنكى تەرەققىي قىلغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ٪80 ى ۋىرۇستىن، قالغان قىسمى باكتېرىيەدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئانتىبىيوتىكلارنىڭ زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالاشتا ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئانتىبىيوتىكلار پەقەت باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. كېرەكسىز ئىشلەتكەندە بەدەندىكى شىپالىق (فلورا) باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئانتىبىيوتىكلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سوغۇق تېگىپ قېلىش ۋە خەۋپ- خەتەر گۇرۇپپىسىدىن باشقا كىشىلەردە تەرەققىي قىلغان يۇقۇملۇق زۇكام 5-7 كۈن ئىچىدە ئۆزلىكىدىنلا ساقىيىپ كېتىدۇ. تەبىئى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتكىلى ۋە تېخىمۇ تېز ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى سوغۇق تېگىپ قېلىشتۇر، شۇنداقلا، خەۋپ- خەتەر گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان تارقىلىشچان زۇكامدۇر.

دوختۇر تەرىپىدىن سوغۇق تېگىپ قېلىش ياكى تارقىلىشچان زۇكام دەپ دىياگنوز قويۇلغان كىشىلەر يېتەرلىك ئارام ئېلىشى، ئوزۇقلىنىشى ۋە يېتەرلىك سۇ ئىچىشى كېرەك. شۇنداقلا، بەزى تەبىئىي ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىمۇ ئىشلىتىشى كېرەك. بىراق، شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، تەبىئىي ئۆسۈملۈك دورىلار ھەر خىل دورىلار بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ھەر خىل دورىلارنى ئىشلەتكەن شەخسلەر بۇ جەھەتتە چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

• سامساق سوغۇق تېگىپ قېلىشقا شىپالىق تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولۇپ، قەرەللىك ئىشلەتكەندە كېسەللىكنىڭ تەكرارلىنىشى ۋە سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. قىسقىسى، سامساق كېسەللىكنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.

· ئېچىناسىيە يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى شىپالىق ئۆسۈملۈكتۇر.

· بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىش پەسلىدە تەركىبىدە ۋىتامىن C بار مېۋە/ كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق زۇكام ۋە سوغۇق تېگىپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

· سىنك ھۈجەيرە كۆپىيىش، ئىممۇنىتېت ئىنكاسى، نېرۋا فۇنكسىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا سوغۇق تېگىپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان سىنىك ئىشلەتكەندە كېسەللىكنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. كاللا - پاقالچاق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قۇرۇق يەل-يېمىش ۋە بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە سىنك ماددىسى ناھايىتى كۆپتۇر.

· لىمون ۋە ھەسەل قوشۇلغان سۇنى ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق گال ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. 250 مىللىلىتىر ئىسسىق سۇغا بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن يېرىم لىمون سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ  بەرگەندە گال ئاغرىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.  بۇ خىل ئارىلاشما ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى شىپالىق رولى سايىسىدا گال ئاغرىقى پەسىيىدۇ.

• بۇ جەرياندا تۇز سۈيى ياكى بىيكاربونات سۈيىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

· ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلغان پىياز شەربىتى بىلەن ئۇپا سۈيىمۇ گال ئاغرىقلىرىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

گال ئاغرىقى سوغۇق تېگىپ قېلىش ۋە تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشىغان ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا، باكتېرىيەلەر، بولۇپمۇ A تىپلىق باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئانگىنا كېسەلىكىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ  بولۇپمۇ 5-15 ياشقىچە بولغان بالىلاردا يۈرەك كىلاپانى ۋە بۆرەك ياللۇغىنى پەيدا قىلىش خەۋپى بار. شۇ ۋەجىدىن، گال ئاغرىقى، سوغۇق تېگىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا چوقۇم دوختۇرغا دىياگنوز قويدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر