باش ئاغرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (28)

1962267
باش ئاغرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

باش ئاغرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئەگەر سىز بېشىڭىزنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، پېشانىڭىزگە مۇز خالتىسى ياكى لۆڭگە بىلەن مۇز قويۇش ئارقىلىق باش ئاغرىقىڭىزنى پەسەيتەلەيىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇز خالتىسى بىلەن بېشىڭىزغا مۇز قويۇپ، 15 مىنۇت ساقلاپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىقىنى پەسەيتەلەيسىز. بۇ ئۇسۇلنى 15 مىنۇت ساقلاپ، تەكرار داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

قان بېسىملىق باش ئاغرىقى

ئەگەر سىز قان بېسىملىق باش ئاغرىقىغا  گىرىپتار بولغان بولسىڭىز يەنە پېشانىڭىزگە مۇز خالتىسى ياكى لۆڭگە بىلەن مۇز قويۇش ياكى قاراڭغۇ مۇھىتتا ئولتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى

ئەگەر بېشىڭىز چىڭقىلىپ ئاغرىسا، ئىسسىق ھۆل لۆڭگىنى بېشىڭىزنىڭ كەينىگە قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىنۇس ياللۇغى سەۋەبلىك بېشىڭىز ئاغرىسا، ئاغرىغان ئورۇنغا ئىسسىق ھۆل لۆڭگە قويسىڭىزمۇ، ئىسسىق مۇنچىغا چۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سېغىز چاينىماڭ

سېغىز چايناش ئېڭىكىزڭىزگىلا ئەمەس، بېشىڭىزغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. تىرناقلىرىڭىزنى، كالپۇكلىرىڭىزنى، مەڭزىڭىزنىڭ ئىچىنى ياكى قەلەمگە ئوخشىغان قوللىنىشچان نەرسىلەرنى چايناشمۇ شۇنداق. چۈرۈك ھەم يېپىشقاق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىڭ. ئەگەر سىزدە كېچىلىرى چىشىڭىزنى غۇچۇرلىتىدىغان ئەھۋال بولسا، چىش دوختۇرىڭىزدىن ئېغىز بوشلۇقى قوغدىغۇچى بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭ. بۇ ئارقىلىق ئەتىگەنلىك باش ئاغرىقىڭىزنى ئازايتالايسىز.

كۆپ سۇ ئىچىش

سۇنى كۆپ ئىچىڭ. چۈنكى سۇنى ئاز ئىچىش باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 باش تېرىسىگە بېسىم بىلەن ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى

ئەگەر كۈندۈزى چېچىڭىزنى ئات قۇيرۇقى شەكلىگە كىرگۈزىدىغان ياكى چېچىڭىزنى بەك چىڭ يىغىدىغان بولسىڭىز، بۇ ئەھۋال باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنداق باش ئاغرىقلىرى قالپاق، دوپپا، ھەتتا بەك چىڭ سۇ ئۈزۈش كۆزەينىكى سەۋەبىدىنمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەۋەبتىن باش ئاغرىقىڭىز ئېغىرلاشقان بولسا، چېچىڭىزنى بىرئاز بوشىتىڭ.

 قاراڭغۇ مۇھىتتا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى

كومپيۇتېر ئېكرانىدىن تارقىتىلىدىغان پارقىراق ياكى لەپىلدەپ تۇرىدىغان نۇرلارمۇ باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بېشىڭىز نۇر سەۋەبلىك ئاغرىغان بولسا، كۈندۈزى دېرىزىلىڭىزنى قويۇق پەردە بىلەن يېپىش، كۆزەينەك تاقاش ئارقىلىق ئاغرىقلىرىڭىزنى پەسەيتسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېكرانىغا پارقىراق نۇردىن قوغدىغۇچى ئېكران ئورنىتىش، يورۇتۇش ئۈچۈن كۈندۈزلۈك فلۇئورېسسېن لامپۇچكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ ئاغرىقلىرىڭىزنى داۋالىيالايسىز.

 ئازراق كوففېئىن ئىستېمال قىلىڭ

تەركىبىدە چاي ۋە قەھۋە قاتارلىق كوففېئىن ماددىسى بار ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشمۇ باش ئاغرىقىغا پايدىلىقتۇر.

 ئارام ئېلىش ئۇسۇلى

سوزۇلۇش، يوگا، چوڭقۇر تەپەككۇر قاينىمىغا پېتىش ياكى مۇسكۇللارنى بوشىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ باش ئاغرىقى ۋە باشقا ئاغرىقلارغا پايدىلىقتۇر.

 ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى

بوينىڭىزنى بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان باش چىڭقىلىپ ئاغرىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

ئۇۋۇلاش نۇقتىلىرى

بەدىنىڭىزدىكى مەلۇم بېسىم نۇقتىلىرىنى بېسىم بىلەن ئۇۋۇلاشتەك ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق باش ئاغرىقلىرىڭىزنى داۋالىيالايسىز. مەسىلەن، چېكىڭىزدىكى باش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، چېكىڭىزگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئاستا-ئاستا ئايلانما شەكىلدە ئۇۋۇلاڭ.

كۆز چارچاش كەلتۈرۈپ چىقارغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنىڭ ئۇچى بىلەن قاشلىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېسىم ئىشلىتىپ، قويۇپ بېرىڭ، ياكى ئۇدا بىر مىنۇت كىچىك چەمبىرەك ھالىتىدە بېسىم ئىشلىتىپ، قويۇپ بېرىڭ.

باش بارمىقىڭىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنىڭ ئارىلىقىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بېسىم، باش ئاغرىقى ۋە باشقا ئاغرىقلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن؛

1 - سول قولىڭىزدا باش بارمىقىڭىزنىڭ ئالقان قىسمى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تېپىڭ.

2 - ئوڭ بارمىقىڭىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى 4-5 سېكۇنت بېسىڭ. بېسىم ئىشلەتكەندە باش بارمىقىڭىزنى ئاستا چەمبىرەك شەكلىدە ھەرىكەتلەندۈرۈڭ.

3 - ئوڭ قولىڭىزدا ئوخشاش بوشلۇقنى تېپىڭ، ھەمدە سول باش بارمىقىڭىز ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز بىلەن بۇ ئۇسۇلنى يەنە بەش مىنۇت تەكرارلاڭ.

ئۇچۇشچان مايلارنى سىناپ بېقىڭ

دورىلىق پىننە ئۇچۇشچان مېيى ۋە لاۋانگۈل ئۇچۇشچان مېيى باش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىشكە ئەڭ پايدىلىقتتۇر. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرى باردۇر.

چېكىلىرىڭىزگە ئاز مىقداردا شىپالىق پىننە ئۇچۇشچان مېيىنى سۈركەش ئارقىلىق باش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. پەقەت كۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىغا ماي ​​سۈرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىڭ.

ئاروماتىك داۋالاش ئۇسۇلى دائىرىسىدە لاۋانگۈل ئۇچۇشچان مېيى ئىشلىتىش ئارقىلىق باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە بۇ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر داۋالاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

 يېمەكلىكلەر

‎بادام، گىلاس قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل ۋە تالا ماددىلىرى مول يېمەكلىكلەرمۇ باش ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 ماگنىي ئىستېمال قىلىڭ

قېنىق شاكىلات، قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، كۈنجۈت مەلھىمى، خام بادام، كۆك چىپار بېلىق ۋە خام كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مول بولۇپ، باش ئاغرىقلىرىڭىزغا شىپادۇر. بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىغان ياكى بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە شۇ ۋاقىتتا مېڭىلىرىدە ماگنىي مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ.

بىرئاز زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىڭ

يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، زەنجىۋىل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدىكەن. تولۇقلىما داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە سىناپ باقسىڭىز ياكى بىرئاز چاي دەملەپ، نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر