شىۋېتسىيەنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

1938413
شىۋېتسىيەنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى

شىۋېتسىيەنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى

شىۋېتسىيەنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىۋىتسىيەنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

شىۋېتسىيەدە دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچىل سىياسەتچى پالۇداننىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى يېڭى بىر مۇنازىرىگە يول ئاچتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زوراۋانلىقلارنى قىلغان ۋە شۇ ۋەجىدىن دانىيەدە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان پالۇداننىڭ بۇ قېتىم شىۋېتسىيەدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بىر ئىش بولدى. چۈنكى شىۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا موھتاج ۋە پ ك ك غا قاراتقان سىياسىتى سەۋەبىدىن تېخىچە تۈركىيەدىن ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر دۆلەت. مەسىلە پەقەت ئىسلامغا قارشىلىق بىلەنلا چەكلىك ئەمەس. ھەتتا، بۇ زوراۋانلىقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى شەكلىدە مۇلاھىزە قىلىنىشىمۇ ھەم خاتا، ھەم خەتەرلىك.

مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى، بۇ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىي قىسمىدۇر. شىۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە پىكىر ئەركىنلىكى ئاساسىدا يول قويغانلىقى بولسا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئەھۋالنى شەكىللەندۈرىدۇ. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا سىزىلغان بىر خىل «چەكسىز پىكىر ئەركىنلىكى» ئۇقۇمى، ھەقىقىي قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە تۈپتىن ماس كەلمەيدۇ. قانۇنىي نۇقتىدىن تەكشۈرۈلگەندە، باياناتلار قانۇنىي ئاساسقا تايانماستىن، پىكىر ئەركىنلىكى دېگەندەك «ھېسداشلىق قىلىش» ئۇقۇمىنى ئاساس قىلغان سىياسىي بىر پوزىتسىيە يارىتىش نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 46 ياۋروپا دۆلىتى تەرەپ بولغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا «پىكىر ئەركىنلىكى» ماۋزۇسىدا «ھەر بىر كىشى پىكىرىنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ ئىزھات بېرىلگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن «كىشى ئۆزى خالىغان نەرسىنى ئېيتالايدۇ ياكى ئىپادىلىيەلەيدۇ» دېگەنلىك بولامدۇ؟ ئۇنداقتا ئېيتقانلىرى مىليونلىغان كىشىگە ھەتتا پەقەت بىرلا كىشىگە زىيان سالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى پىكىر ئەركىنلىكى دەپ قوغداش كېرەكمۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىمۇ ئاساسەن 10 - ماددىدا بېرىلگەن بولۇپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى بەلگىلەيدىغان 10 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقى بۇ (پىكرى ئەركىنلىكى) ھوقۇقنىڭ چەكسىز ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 10 - ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدا، «ئىشلىتىلىشى مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى تەقەززا قىلىدىغان بۇ ئەكىنلىك؛ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، جامائەت بىخەتەرلىكىنى ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقنى قوغداش، ئەخلاقنى، باشقىلارنىڭ ئىناۋىتى، ھوقۇقى ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە بىتەرەپلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەلۇم شەكىلدىكى شەرتلەر ۋە چەكلىمىلەرگە باغلىنىشلىق بولىدۇ» دېيىلىدۇ.

بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېت ۋەقەلەردە ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭمۇ نۇرغۇن ساندا قارارلىرى بار. يەنى باشقىلارنىڭ ئىناۋىتى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئۆلچىمى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغا قارارلىرى مەۋجۇت. مەھكىمە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىرق، تىل، دىن ياكى جىنسى پەرقى ئاساسىدا باشقىلارنى ھاقارەتلەش ھوقۇقى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چېكىنى سىزغاندا، مەھكىمە «ھوقۇقلار ئارا تەڭپۇڭلۇق» پىرىنسىپىنى ئىشقا سالماقتا.

شىۋېتسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن مەزكۇر شەخسنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھاقارەت قىلماستىن ئىپادىلەشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى تۇرۇقلۇق، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى ۋە غۇرۇرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان شەكىلدە قىلىشى، ئوچۇق ئاشكارا تەڭپۇڭسىزلىق دەپ قارىلىشى لازىم. چۈنكى مەھكىمە دىنغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بايان قىلىشلاردا ئاۋاز ئاھاڭىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك بولۇپ بولمىغانلىقى ياكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى قىلغان - قىلمىغانلىقى ۋە ياكى مۇقەددەس سىمۋوللارغا ھۇجۇم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  

مەھكىمىنڭ بۇ پوزىتسىيەسى نۇقتىسىدىن، مىلياردلىغان كىشىلەر ئىشىنىدىغان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قانۇنلۇق بىر پىكىر ئىپادە شەكلى بولالمايدۇ. شىۋېتسىيە سىياسىي ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى كۆرمەسكە سېلىشى بولسا، ئەمەلىيەتتە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى بەلگىلەيدىغان 9-ماددىسىغا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئايرىمچىلىقنى چەكلەشنى بەلگىلەيدىغان 14 - ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئىش، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا زىيان سالماقتا. شۇڭلاشقا، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە «كەڭ پىكىر ئەركىنلىكى مەۋجۇت» دېگەندەك قۇلاققا يېقىملىق سۆزلەر بىلەن ئەقەللىي ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئېنىق.

شىۋېتسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلغان پ ك ك قۇرۇلمىلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېىلىشىغا ئالاقىدارمۇ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ ئىزاھلىق قارارلىرى مەۋجۇت.  بىر دېلودا مەھكىمە، چەكلەنگەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنبەلىك نەشىر بۇيۇملىرى ۋە بايانلارنىڭ ئاپتورنىڭ خاراكتېرىنىلا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر يازمىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئېلان قىلىنغان ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى تېررورلۇقنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاشكارا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق خەۋىپى يارىتىلغاندا، پىكىر ئەركىنلىكى ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ نۇقتىدىن ماقالىنىڭ مەزمۇنىنىڭ رايوندا زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان ئىدى.

دېمەككى، شىۋېتسىيەدە رۇخسەت قىلىنغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشۋىقاتى قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىگە رۇخسەت قىلىنىشىمۇ «ئوچۇق ھالدا تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى تېررورلۇقنى ئاقلاپ قۇتراتقۇلۇق خەۋىپى ياراتقانلىقى» نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىمۋوللىرىنى ۋە «ھەممىمىز پ ك ك» دېگەندەك شوئارلارنى مەركەز قىلغان بۇ ھەرىكەتلەر، ئوچۇق ئاشكارا تېررورلۇقنىڭ ۋە قانۇنسىز زوراۋانلىقنىڭ ئاقلانغانلىقى بولىدۇ. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرى بۇ ئەھۋاللارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىغا قارىماستىن، بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە رۇخسەت قىلىنىشىنى ھەرگىزمۇ پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. شىۋېتسىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە «پىكىر ئەركىنلىكى» تونىنى كەيدۈرۈپ كۆز يۇمۇشى شۇنداقلا تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى ياكى جىنايەتچىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، سوتلىماي، ساھىبخانلىق قىلىشى قانۇنسىز سىياسىي تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر