ئاي شارىغا كۆچۈش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالدىمۇ؟

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ناسانىڭ ئاي شارى پىروگراممىسى — ئارتېمىس توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1924000
ئاي شارىغا كۆچۈش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالدىمۇ؟

ئاي شارىغا كۆچۈش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسان ئەۋلادى ئاي شارىغا قەدەم بېسىپ دەل يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى — ناسا ئاي شارى پىروگراممىسى — ئارتېمىسنى يولغا قويدى. ناسادا ئاسترو-فىزىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئومۇت يىلدىز ئارتېمىس پىروگراممىسى ۋە ئاي شارىغا كۆچۈشنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

* * * * *

ناسا ئاي شارىغا قايتىدىن ئىنسانلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلماقتا؛  ناسانىڭ ئاسترو-فىزىكا تەتقىقاتچىسى ئومۇت يىلدىز، بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى باشلانغان ئايغا بېرىش تۈرى — ئارتېمىسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى TRT Haber قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىدا ياشايدىغان ۋاقتىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ ئىنتايىن يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرىنچى تۈرنىڭ ئاي شارىغا بېرىپ، ئاي شارىنىڭ ئارقىسىدىن ئايلىنىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈرگە 25 كۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان يىلدىز: «بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىمىز، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى توشۇيدىغان ئۈسكۈنە دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنى يەر يۈزىگە بىخەتەر قوندۇرامدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشتىن ئىبارەت» دېدى.

تۈرنىڭ ئىككىنچى قەدىمىدە ھەقىقىي ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارىغىچە بېرىپ، قونماستىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئايلىنىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىز: «بۇ ئىشلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، بىز 2025-يىلى قايتىدىن ئايغا قايتىشنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

* * * * *

تۈرنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان ئارتېمىس 1 دائىرىسىدە، رادىياتسىيە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىدىغان كىيىملەر سىناق قىلىنىدۇ.

يىلدىز بوشلۇقتىكى رادىياتسىيەنىڭ مىقدارىنى بايقاش لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ: «نۆۋەتتە ئارتېمىس -1 تۈرىنىڭ ئىچىدىكى ئورىئون كاپسۇلىدا ئۈچ كىيىم مودېلى بار؛ بىر  مودېلنىڭ ئۈستىدە بارلىق كىيىملىرى بار، يەنە بىر مودېلنىڭ پەقەت بىرلا رادىياتسىيە كىيىمى بار، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا، پەقەتلا كىيىمى يوق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە سېنزور ئورنىتىلغان بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى سەپىرى جەريانىدا ھەقىقىي ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇ يەرگە قەدەم قويغاندا دۇچ كېلىدىغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دېدى.

ناسا پىلانلاۋاتقان بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي شارى ۋەزىپىلىرىنىڭ مۇددىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى، بۇ تۈردىن كېيىن كۆچۈش پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىز، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ پىروگرامما دائىرىسىدە ئاي ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بىر بېكەت قۇرۇلىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۇ بېكەتكە بېرىپ، بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئاي شارىغا قونىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇنداقتا مەقسەت ئاي شارىدىن كېيىن مارسقا كۆچۈشمۇ؟... ئاخىرقى نىشاننىڭ يەرشارىدىن چېكىنىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان يىلدىز، ئەلۋەتتە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان سەييارىلەرگە كۆچۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئەمما، باشقا سەييارىلەردە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر