تىزگىنلىگىلى بولىدىغان كېسەللىك - سېمىزلىك

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ سانىدا، «سېمىزلىك» كېسىلى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1915136
تىزگىنلىگىلى بولىدىغان كېسەللىك - سېمىزلىك

تىزگىنلىگىلى بولىدىغان كېسەللىك - سېمىزلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېمەكلىك ئارقىلىق ئېلىنغان ئېنېرگىيەنىڭ سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيەدىن ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بىرىككەن ئېنېرگىيەنىڭ مايغا ئايلىنىپ ساقلىنىشى سېمىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ؛ بىر خىل «كېسەللىك» دەپ قارىلىۋاتقان، ئەڭ قىسقا ئېنىقلىمىسى، بەدەندە ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بولغان سېمىزلىك، ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئىچىدە تاماكىدىن قالسىلا ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2018- يىللىق ياۋروپا ساغلاملىق دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ياۋروپادىكى سېمىزلىك ئەڭ ئېغىر دۆلەت دەپ بېكىتىلگەن. سېمىزلىك جەھەتتە دۇنيادىكى 4- دۆلەت بولغان تۈركىيەدىكى ھەر ئۈچ ئادەمنىڭ بىرىدە سېمىزلىك كېسىلى بار، دەپ تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

دۇنيادىكى تەخمىنەن 2 مىلياردتىن ئارتۇق  قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 650 مىليون ئادەم سېمىزلەر كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالىدىكەن. پەقەت ياۋروپا رايونىدىلا ھەر يىلى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سېمىزلىكنىڭ 2025- يىلىغا بارغاندا، ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسىللەر بىلەن بىرلىكتە سەھىيە چىقىملىرى جەھەتتىمۇ ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەۋاتقان سېمىزلىكنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى يېقىنقى 42 يىلدا كەم دېگەندە 10 ھەسسە ئاشقان. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى سەۋەب بولغان ھەرىكەت – پائالىيەتلەرنىڭ ئازىيىشى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى سەۋەب بولغان ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

سېمىزلىك، مۇتەخەسسىس دوختۇرلار تەرىپىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، راك، دىيابېت، مۇسكۇل سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ قوزغاتقۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىك ياۋروپادا كۆرۈلگەن 2-تىپلىق دىيابېتنىڭ %80نىڭ، قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ %35نىڭ ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ %55 ىنىڭ سەۋەبكارى ياكى جاۋابكارى ئىكەن.

ئاڭسىزلارچە دىيەت تۇتۇش ياكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كونتروللۇقىسىز قىلىنغان چېنىقىشلار، سېمىزلىكنى تۈگىتىشكە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئوخشىمىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈركىيەمىزدە كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان سېمىزلىك كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىس دوختۇرلار، يېمەك-ئىچمەك دوختۇرلىرى، پىسخولوگ ۋە فىزىيولوگىيەلىك داۋالاش خادىملىرىنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر