«بېھى تاتلىقى» ئېتىش ئۇسۇلى

«بېھى تاتلىقى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1175010
«بېھى تاتلىقى» ئېتىش ئۇسۇلى

ئاڭلىتىش 08.02.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئادەتتە تاماقلاردىن كېيىن ئىكرام قىلىنىدىغان «تاتلىق» لارنىڭ تۈرك تائاملىرىدىكى ئورنى ئۆزگىچە بولۇپ، «تۈرك تاتلىقلىرى» دېيىلگەن ھامان، ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال «باقلاۋا» كەلسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدە ئاساسلىق ماتېرىيالى سۈت ياكى مېۋە بولغان تاتلىقلارمۇ ناھايىتى كۆپتۇر. سوغۇق ئىستېمال قىلىنىدىغان سۈتلۈك تاتلىقلار، قولاي ھەزم قىلىنىىغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە ئىسسىق ھاۋالاردا ئىستېمال قىلىنىدۇ، مېۋىدىن ياسالغان تاتلىقلار بولسا ھەر مەۋسۇمدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە «بېھى تاتلىقى» ھەققىدە مەلۇمات برىمىز.

«بېھى تاتلىقى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • ئۈچ دانە بېھى
  • تۆت ئىستاكان شېكەر
  • بىر دانە قوۋزاق دارچىن
  • بەش دانە قەلەمپور
  • بىر دانە لىمون
  • تۆت ئىستاكان سۇ
  • 3 قوشۇق قايماق

«بېھى تاتلىقى» ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

  • پوستى سويۇلغان بېھىلەرنى قارىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەممىسى ھازىرلانغانغا قەدەر لىمونلۇق سۇدا قويۇڭ. بارلىق بېھىلەر ھازىر بولغان چاغدا، ئوتتۇرا قىسىملىرى ئۈستى تەرىپىدە قالىغان شەكىلدە قازانغا سېلىڭ.
  • قوۋزاق داچىننى، قەلەمپورنى ۋە بېھى ئۇرۇقىنى قازانغا ئىلاۋە قىلىڭ.
  • بېھىنىڭ ھەر بىرىگە ئۈستىگە شېكەرنى تەكشى شەكىلدە سېپىڭ. ئۈستىگە سۇ قوشقاندىن كېيىن، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ، ئوتتۇرىھال ئوتتا قاينىتىڭ.
  • قازان قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، 1 – 1 يېرىم سائەت ئەتراپىدا تاكى بېھى يۇمشىغانغا قەدەر پىشۇرۇڭ.  
  • بېھى پىشقاندىن كېيىن قاچىلارغا قويۇپ، سوغۇشىنى كۈتۈڭ. سوغۇغاندىن كېيىن ئۈستىگە ئالدى بىلەن بىرەر قوشۇق بېھى پىشقان سۇدىن ئىلاۋە قىلىڭ، ئاندىن 4 قوشۇق قايماق ئىلاۋە قىلىڭ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر