شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ۋە ئەردوغاننىڭ پىلانلىنىۋاتقان بېيجىڭ زىيارىتى...| سۆھبەت

شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ۋە ئەردوغاننىڭ پىلانلىنىۋاتقان بېيجىڭ زىيارىتى...| سۆھبەت

‹كەڭ نۇقتىئىينەزەر› ناملىق بۇ پىروگراممىنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، پىروگراممىمىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،  شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل كوردىناتورى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسەتلىرى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان خىتاي زىيارىتى ۋە خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى» قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.