سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېراسى پايتەخت رىيادتا ئوينالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پادىشاھ فەھد مەدەنىيەت مەركىزىدە ئوينالغان «زەرقا ئەليامامە» ناملىق ئوپېرادا، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا كەلگۈسىنى ئالدىن بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلىنىدۇ. ئوپېرانىڭ ئەرەبچە تېكىستلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان شائىرى سالىھ زامانان يازغان بولۇپ، مۇزىكىسىنى ئاۋستىرالىيەلىك كومپوزىتور لې برادشاۋ ئىشلىگەن.
ئوپېرادا باش رول ئالغان ئەنگلىيەلىك سەنئەتچى مېززو سوپانو دەيم ساراھ كونوللى ئەرەب تىلىدا ناخشا ئېيتىشتىن بەك ئەنسىرىگەنلىكىنى، شۇڭا نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تىلنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئوپېرانىڭ توققۇز ئاساسلىق قىسمىدىن ئۈچىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ئوپېرا ئارتىسلىرى ئورۇنلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەلىك ياش سۈنئىي چاچ ياساشتا جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى
نىگېرىيەلىك سۈنئىي چاچ ئۇستىسى ئۆزى ياسىغان «ئەڭ كەڭ سۈنئىي چاچ» جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى.