ئادەم مېڭىسىنىڭ ئەڭ ئېنىق سۈرىتى تارتىلدى

دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى(MRI) بىلەن ئېرىشكەن ئادەم مېڭىسىنىڭ ئەڭ ئېنىق سۈرىتى ئېلان قىلىندى.

2124152
ئادەم مېڭىسىنىڭ ئەڭ ئېنىق سۈرىتى تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى ۋە قوشۇمچە ئېنېرگىيە ئورگىنى (CEA) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «Iseult» دەپ ئاتىلىدىغان تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تارتىلغان چوڭ مېڭە سۈرىتىنىڭ، 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان تەتقىقات نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئۈسكۈنە بىلەن يېقىنقى بىر قانچە ئايدا 20 نەپەر پىدائىي ئۈستىدە تەجرىبە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئەڭ ئېنىق مېڭە تەسۋىرىگە تەخمىنەن تۆت مىنۇتتا ئېرىشىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، 11.7 تېسلا ماگنىت كۈچىگە ئىگە مەزكۇر ئۈسكۈنە بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ، دوختۇرخانىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەردە بىر نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلدى.

فىرانسىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى ۋە قوشۇمچە ئېنېرگىيە ئورگىنى تەتقىقات دىرېكتورى نىكولاس بولانت (Nicolas Boulant) تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتنىڭ يەنە بىر قانچە يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى، 2026-يىلدىن 2030-يىلغىچە نېرۋا ئاجىزلاش كېسەللىكلىرىدىن باشقا، روھىي كېسەللىكلەر ۋە روھىي تومۇر ئۆسمىسى قاتارلىق نېرۋا ساھەسىدىكى كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«Iseult MRI» ئۈسكۈنىسىنىڭ ئارقىلىق ئېرىشكەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنچىكە ئاناتومىيەلىك ئۇچۇرلارنىڭ، ئالزىمېر (Alzaymır) ۋە پاركىنسون (Parkinson)  قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشىقا ياردىمى بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر