يۇقىرى تۇرمۇش بېسىمى يۈرەك كېسىلى خەۋىپىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ

ياشلىق چاغلاردىكى تۇرمۇش بېسىمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

2090777
يۇقىرى تۇرمۇش بېسىمى يۈرەك كېسىلى خەۋىپىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، ياشلىقنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن كىشىلەرنىڭ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالدى.

تەتقىقاتچىلار جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى بالىلار ساغلاملىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقان 13 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان 276 كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈردى.

تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار بېسىم دەرىجىسىگە ئاساسەن «ئىزچىل يۇقىرى بېسىم»، «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئازايغان بېسىم »، «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاشقان بېسىم»  ۋە «ئىزچىل تۆۋەن بېسىم» قاتارلىق تۆت  گۇرۇپپىغا ئايرىلدى.

تەتقىقاتچىلار، بېسىم سەۋىيەسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كۆپ سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى ۋە سېمىزلىك خەۋىپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ كىشىلەرنىڭ يەنە، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان-تومۇر ساغلاملىقىنىڭ ناچارلاشقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىمۇ ئېنىقلانغان.

تەتقىقات نەتىجىسى «ئامېرىكا يۈرەك بىرلەشمىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر