«1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى لايىھەسى» خەلقئارالىق مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

«1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى لايىھەسى» مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان «قۇرۇلۇش خەۋەرلىرى خاتىرىسى» (Engineering News Record) ژۇرنىلى تەرىپىدىن «يىللىق لايىھە» بولۇپ باھالاندى.

2074841
«1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى لايىھەسى» خەلقئارالىق مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش مىنىستىرى  ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى لايىھەسى» نىڭ ئىنژېنېرلىق ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى توغرىسىدا خەۋەر، ئانالىز ۋە كۆز قاراشلارنى ئېلان قىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ھەپتىلىك «قۇرۇلۇش خەۋەرلىرى خاتىرىسى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «يىللىق لايىھە» بولۇپ باھالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۆۋرۈك لايىھەسىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىغا ئاتاپ سىمۋوللاشتۇرغان مۇھىم لايىھە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 4 مىڭ 608 مېتىر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ «يىللىق لايىھە» مۇكاپاتلىرىنىڭ 19-دېكابىر (2023) دا توردا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «لايىھەمىزگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار، ھەممىمىزنى شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ. لايىھەمىز ئوخشىمىغان ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لايىھە بۇ ئىككى مۇكاپاتنى قوشقاندا، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق بولۇپ جەمئىي 24 مۇكاپاتقا ئېرىشتى» دېدى.

«1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى لايىھەسى» 2021-يىلى قۇرۇلۇشى باشلانغاندا «قۇرۇلۇش خەۋەرلىرى خاتىرىسى» ژۇرنىلى 10 بەتلىك مەخسۇس سەھىپە ئاجراتقان بولۇپ، 318 مېتىر ئېگىزىلىكتىن تارتىلغان سۈرىتى ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر