ئەردوغان: مەدەنىيەت-سەنئەتتە تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدە، دۆلەت ۋە خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېدى.

1937408
ئەردوغان: مەدەنىيەت-سەنئەتتە تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتلىرى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «تۈركىيە خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مەدەنىيەت جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇقىمىزدۇر. دۆلەت مۇداپىئەسىدە، ئىقتىسادتا، ھەربىي ئىشلاردا، دىپلوماتىيەدە ۋە باشقا ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىمۇ يەنە مەدەنىيەت-سەنئەتكە باغلىق. مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە مىراسخورلۇق زەنجىرلىرى ئۈزۈپ تاشلانغانسېرى، دۆلەت ۋە خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر