«ياخشىلىق پويىزى» ھىراتقا يېتىپ باردى

تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، «ياخشىلىق پويىزى» دا ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مالزىمىلىرى ئەۋەتتى.

1936915
«ياخشىلىق پويىزى» ھىراتقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى توشۇغان يەتتىنچى «ياخشىلىق پويىزى»، ئافغانىستاننىڭ ھىرات ۋىلايىتىگە يېتىپ باردى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرى پويىزغا جەمئىي 500 توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى، ياردەملەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوخشىمىغان ۋىلايەتلەردىكى موھتاجلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك بۇيۇملىرى، قىشلىق كىيىم-كېچەكلەر، ئاياغ، گىلەم، ئەدىيال، تازىلىق بۇيۇملىرى، چاقلىق ئورۇندۇق ۋە تىككۈچىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئافغانىستاندىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ يەڭگىللىشىگە ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە، دەسلەپتە تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ۋە جەمئىي 7 مىڭ توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مالزىمىلىرىنى توشۇغان ئالتە  «ياخشىلىق پويىزى» بىلەن يەتكۈزۈلگەن ياردەملەر، ھەر خىل ئاپەتكە ئۇچرىغانلار، يېتىم-يىسىرلار، تۇل ئاياللار ۋە مېيىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 700 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە تارقىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر