ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ چاپىنى سېتىلدى

ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان باز ئالجىرىن (BuzzAldrin) نىڭ ئالەم سەپىرىدە كىيگەن چاپىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى.

1860064
ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ چاپىنى سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاي شارىغا 1965-يىلى ئاياق باسقان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بىرى باز ئالجىرىننىڭ «11-ئاپوللو» دە كىيگەن چاپىنى، نىيۇ يورك شەھىرىدىكى كىمئارتۇق سودىسىدا 2 مىليون 772 مىڭ 500 دوللارغا سېتىلدى.

1960-يىلى 20-ئىيۇل ئالەم ئۇچقۇچىسى نېيىل ئارمسچوڭ (Neil Armstrong) بىلەن بىرلىكتە ئاي شارىغا قەدەم باسقان باز ئالجىرىننىڭ ساقلانغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى، نىيۇ يوركتىكى سوتېبيس (Sotheby's) مۇزېيىدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى. ئۇنىڭ ئالەمگە ئۇچقاندا كىيگەن ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسانىڭ بەلگىسى بىلەن ئامېرىكا بايرىقى چۈشۈرۈلگەن چاپىنى 2 مىليون 772 مىڭ 500 دوللارغا سېتىلدى. 92 ياشلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ چاپىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان ئامېرىكا ئالەم بۇيۇملىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر