ت ر ت ۋورلد سۈرىيە تۈرمىلىرىدىن قاچقان ئاياللارنىڭ ھاياتىنى فىلىم قىلىپ ئىشلىدى

ت ر ت ۋورلدنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى «Off the Grid» نىڭ «سۈرىيەنىڭ مەھبۇس ئاياللىرى: قىيناقتىن قېچىش» بۆلۈمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

1632857
ت ر ت ۋورلد سۈرىيە تۈرمىلىرىدىن قاچقان ئاياللارنىڭ ھاياتىنى فىلىم قىلىپ ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق خەۋەر مۇنبىرى ت ر ت ۋورلدنىڭ مۇكاپاتلىق قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمى «Off the Grid»، سۈرىيە تۈرمىلىرىدىكى قىيىن-قىستاقلارنى بايان قىلدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ 10-يىلى ئۈچۈن ئالاھىدە سۈرەتكە ئېلىنغان «سۈرىيەنىڭ مەھبۇس ئاياللىرى: قىيناقتىن قېچىش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، بەششار ئەسەدنىڭ تۈرمىلىرىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ قېچىش ھېكايسى ۋە يېڭى ھاياتى باش مەزمۇن قىلىنىدۇ.

ت ر ت ۋورلدنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرى، ئۇرۇشنىڭ مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىنى قانداق بەربات قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىدا نامايان قىلىدۇ.

«Off the Grid» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ «سۈرىيەنىڭ مەھبۇس ئاياللىرى: قىيناقتىن قېچىش» ناملىق بۆلۈمى، 2021-يىلى 5-ماي ئەنقەرە ۋاقتى 16:30 دا ت ر ت ۋورلد قانىلىدا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر