مېركۇرىي يۇلتۇزى قۇياشنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى

تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسى-تۈبىتاك (TÜBİTAK) نىڭ كۆزىتىش ئۆيى مېركۇرىي يۇلتۇزىنىڭ قۇياشنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىنى ئۇلاپ تارقاتتى.

1304826
مېركۇرىي يۇلتۇزى قۇياشنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەم كۆرۈلىدىغان ئالەم ھادىسىلىرى ئارىسىدا مېركۇرىينىڭ قۇياش ئالدىدىن ئۆتۈشى، ئانتاليا تۈبىتاك كۆزىتىش ئۆيىنىڭ بىلىم ۋە جەمئىيەت مەركىزىدىكى تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆزىتىلدى.

مەخسۇس ئورنىتىلغان كامېرالارنى ئۇلاش ئارقىلىق تېلېسكوپلاردىن ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ تاراتقۇ ئادرېسلىرى ئارقىلىق تارقىتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرستېتى ئاتاتۈرك كونفېرانس زالىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا مەلۇمات بەردى.

تۈنۈگۈن (11-نويابىر) ئەنقەرە ۋاقتى 15:30 دا باشلانغان مېكۇرىينىڭ قۇياش ئالدىدىن ئۆتۈشى كۈن پاتقىچە داۋاملاشتى.

مېركۇرىينىڭ قۇياش ئالدىدىن ئۆتۈشى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەلىرى، ئانتاراكتىكا، غەربىي ئافرىقا ۋە ئاتلانتىك ئوكياندىن تولۇق ۋە تۈركىيەدىن قىسمەن كۆزىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈبىتاك كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قۇياشنىڭ ئالدىدىن پىلانېتا ئۆتكەندە قۇياش تۇتۇلىدۇ، دەپ ئويلاشقا بولىدىغانلىقى، بىراق مېركۇرىي ۋە ۋېنېرانىڭ كۆك يۈزىدىكى جايلاشقان بۇلۇڭى سەۋەبىدىن ئايغا ئوخشاش قۇياشنى توسۇۋالمايدىغانلىقى، شۇڭا قۇياش نۇرىنىڭ ئازايغانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، مېركۇرىي ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر يۈز يىلدا 13 قېتىم قۇياشنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن بولۇپ، كېيىنكى قېتىم 2032-يىلى 13-نويابىر ئۆتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر