ئىستانبۇلدا 3-قېتىملىق مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش بۈگۈن (22-ئۆكتەبىر) بامدات نامىزىدا 3-قېتىملىق مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن ھەيئەتلەر ۋە ئافرىقالىق ئىمام خاتىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1292368
ئىستانبۇلدا 3-قېتىملىق مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىلىدۇ
musluman.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ئەييۇب سۇلتان جامەسىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بامدات نامىزىنى ئوقۇدى.

ئەلى ئەرباش نامازدىن كېيىن سۆزىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا دۇئا قىلىش بىلەن باشلىدى.

ئۇ بامدات نامىزىنى ئافرىقادىكى 52 دۆلەتتىن كەلگەن دىنىي رەھبەرلەر، دىن ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلار، مۇپتىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۈگۈن ئاخىرلىشىشى پىلان قىلىنغان يىغىندا، ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ياردەملىرى توغرىسىدا توختىلىپ، زاكات ۋە قۇربانلىق ياردەملىرىنى 149 دۆلەتكە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى؛ شۇڭا، بۇ بەرىكەتلىك خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە 52 دۆلەتتىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگگن تەخمىنەن 20 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، دىنىي رەھبەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەييۇب سۇلتان مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر