قۇددۇستا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

قۇددۇس يۇنۇس ئەمرە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن قۇددۇستا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

1160290
قۇددۇستا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس يۇنۇس ئەمرە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئىبراھىمىيە مەكتىپىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا شەرقىي قۇددۇستا ئەينەك ئۈستىدە رەسىم ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى.

شەرقىي قۇددۇستىكى قۇددۇس يۇنۇس ئەمرە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، ئىبراھىمىيە مەكتىپىدە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھالە بەكرىنىڭ ئەينەك ئۈستىگە سىزىپ چىققان 40 پارچە رەسىمى سەنئەتخۇمارلارنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلىندى.

ھالە بەكرىنىڭ 2 يىللىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىنغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە، تەسەۋۋۇپنى تېما قىلغان رەسىملەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئەينەك ئۈستىدە رەسىم ناملىق بۇ كۆرگەزمە شەنبە كۈنىچىگە قۇددۇستىكى سەنئەتخۇمارلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

قۇددۇس يۇنۇس ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزى، پەلەستىندىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە رەسىم كۆرگەزمىسى، كونسېرت ۋە شىئىر ئوقۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر