ئېنىشتېيىننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قوليازمىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېنىشتېيىن (Albert Einstein) نىڭ قوليازمىلىرىدىن تەركىپ تاپقان 110 ھۆججەتلىك بەلگە، تۇنجى قېتىم ئىسىرائىلىيەنىڭ قۇددۇس ئىبرانىي ئۇنىۋېرستېتىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

1158664
ئېنىشتېيىننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قوليازمىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ياشايدىغان كروۋن گۇدمەن (Crown Goodman) ئائىلىسى، گېرمانىيەلىك فىزىكا ئالىمى ئېنىشتېيىن يازغان ۋە ئېلان قىلىنىپ باقمىغان 110 ھۆججەتلىك بەلگىنى قۇددۇس ئىبرانىي ئۇنىۋېرستېتىغا تەقدىم قىلدى.

ئېنىشتېيىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 140-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم كۈن يورۇقىغا چىقىرىلغان ھۆججەتلەردە، مەشھۇر ئالىم يازغان بەزى ئىلمىي تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەردىن باشقا، 1935-يىلى ئوغلى ھانس ئالبېرت (Hans Albert) قا ئەۋەتكەن بىر مەكتۇپمۇ بار.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن تەخمىنەن تۆت يىل بۇرۇن شىۋېيتسارىيەدە ياشىغان ئوغلىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپتا، ئېنىشتېيىن ياۋروپادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر ئۇرۇشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «گېرمانىيەدە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ياۋروپادا ئۇرۇشنىڭ باشلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلايلى. گېرمانىيەنىڭ قوراللىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرى مەسىلىگە ئەستايىدىل قاراۋاتىدۇ» دېگەن.

ئەسلى يەھۇدىي بولغان فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېنىشتېيىن 1879-يىل 14-مارت گېرمانىيەنىڭ ئۇلم (Ulm) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم نەزىرىيە فىزىكا ئالىمى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ نىسپىيلىك نەزىرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، كۇانتۇم مېخانىكىسى، ئىستاتىستىكا مېخانىكىسى ۋە كوسمولوگىيە پەنلىرىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشقان. نەزىرىيە فىزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە فوتوئېلېكتىر تەسىرىنى چۈشەندۈرۈشى سەۋەبىدىن 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر